Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نىزامۇلمۇلك
دۇنيا تارىخى
尼扎姆.穆尔克
ní zhā mǔ .mù ěr kè
(1018 - 1092) سالجۇق ئىمپېرىيىسىنىڭ باش ۋەزىرى. پېرسىيىنىڭ تۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە (1063 - 1092) پەن - مەدەنىيەتكە ئىلھام بېرىپ، ئالىم - سەنئەتكارلارنى قوغدىغان، بىرمۇنچە ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتلىرىنى قۇرۇپ چىققان، بۇلاردىن 1066-يىلى باغدادتا قۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان نىزامىيە ئىنىستىتۇتى ئەڭ مەشھۇر. 1087-يىلى ھەربىي سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، فېئودال كۈچلەرنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئىمپېرىيىنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ <سىياسەتنامە> (ياكى <پۇقرالارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بايان> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا مەخسۇس دۆلەتنى باشقۇرۇنىڭ قائىدىلىرى سۆزلەنگەن. كېيىن ئاساسىن مەزھىپىنىڭ مۇرىتلىرى تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان.