Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نېئوفت رىلبسكىي
دۇنيا تارىخى
尼奥菲特.里耳斯基
ní ào fēi tè .lǐ ěr sī jī
(1793 - 1881) ئەسلى ئىسمى ن. پو. بېنىن. بۇلغارىيىلىك ئالىم، رىلسك موناستىرىدا تەربىيە ئالغان (كېيىن راھىب بولغان). 1835-يىلى بۇلغارىيىنىڭ تۇنجى يېڭىچە مەكتىپىگە مۇدىر بولغان. 1860 - 1864-يىللىرى رىلسك موناستىرىنىڭ باشلىقى بولغان. بۇلغارىيىنىڭ تۇنجى گرامماتىكىسى، سلاۋىيان تىلى گرامماتىكىسى، بۇلغارىيە يېزىقى لۇغىتى ( بىر قىسمى نەشر قىلىنغان) دېگەن ئەسەرلىرى بار. تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن <ئىنجىل> ۋە <روبىنسوننىڭ دېڭىز ساياھەت خاتىرىسى> (قىسقارتىلغان نۇسخىسى) قاتارلىقلار بار.