Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېئاندېرتاللار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ئادەملەرنىڭ بىر خىلى. 1856-يىلى گېرمانىيىنىڭ ديۇسسېلدورف دېگەن شەھىرىنىڭ نېئاندېرت دەرياسى ۋادىسى ئەتراپىدىكى ئۆڭكۈردىن تاشقا ئايلانغان قالدۇقى چىققانلىقتىن مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ تاشقا ئايلانغان قالدۇق بىر دانە باش سۆڭىكى ۋە بىر قانچە سۆەڭەكلەردىن (قوۋۇرغا سۆڭىكى، تاغاق سۆڭىكى، ئوقۇرەك سۆڭىكى، يۇقىرىقى بىلەن سۆڭىكى، بىلەك سۆڭىكى، بارماق سۆڭىكى، جەينەك سۆڭىكى ۋە يوتا سۆڭىكى قاتارلىقلار) ئىبارەت، بۇ بىر ئەرنىڭ يەككە تېنى بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 156 سانتىمېتر، يېشى تەخمىنەن 40 تىن 50 كىچە. بەدىنى پاكار، مەزمۇت، ئىسكىلىتى توم ۋە چوڭ، پېشانىسى پەس ۋە قىيپاشراق، قاش قىرى قوپال، گەجگىسى تومپىيىپ چىققان، كۆز چانلىقىنىڭ ئۈستىدە پۈتۈن قاش قىرى ھاسىل بولغان. باش سۆڭىكى ئانچە ئېگىز ئەمەس، لېكىن مېڭىسىنىڭ سىغىمچانلىقى چوڭراق بولۇپ، 1230 مىللىلىتر كېلىدۇ. ئىشلەتكەن تاش قوراللار بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىمۇ مۇرەككەپلىشىشكە يۈزلىنىپ، دىنىي ھېسسىياتىمۇ شەكىللەنگەن، ئۇلار يىغىش - توپلاش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. نېئاندېرتلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى كىشىلەرئ ڭە بۇرۇن دىققەت قىلغان قەدىمكى ئادەملەرنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كەڭ مەنىدىكى نېئاندېرتلار قەدىمكى ئادەملەر باسقۇچىدىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدىن ئىبارەت.