Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېۋرو سپورا
بىئولوگىيە
سپورا خالتىلىق زەمبۇرۇغلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى، شارچە قاسىراقلىقلار ئەترىتى، شارچە قاسىراقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. قاتتىق ئۆستۈرگۈچ ئۈستىدە زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى كېڭىيىپ ئۆسىدۇ. سۈزۈك، كۆپ يادرولۇق بولۇپ، توغرا توسۇقى بولىدۇ، ھاۋا يىپچىسى ئۈستىگە قاراپ تەرتىپسىز ئۆسىدۇ. قوش ئالمىشىپ شاخلىنىدۇ، بۆلۈنگۈچى سپورا زەنجىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۆلۈنگۈچى سپورىسى شار شەكىللىك ياكى شارسىمان بولۇپ، سېرىق ياكى سارغۇچ قىزىل بولىدۇ. جىنىسلىق كۆپىيىش جەريانىدا سپورا خالتا قاسىرىقىنى ھاسىل قىلىدۇ. سپورا خالتا قاسىرىقى توپلىشىپ ياكى تارقىلىپ ئۆسىدۇ. قوڭۇر رەڭ ياكى قارا قوڭۇر رەڭ بولىدۇ. تۆشۈن ئاغزى ئەمچەكسىمان ياكى قىسقا تومشۇقسىمان بولىدۇ. سپورا خالتا قېپىغا ئەڭ دەسلەپتە تۇسۇقلارغا ئايرىلغان زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى توشۇپ تۇرىدۇ، سپورا خالتىسى ھاسىل بولغاندىن كېيىن بۇ يىپچىلار يوقىلىدۇ، سپورا خالتىسى يېتىلىپ سپورا خالتا قېپىغا تولىدۇ. سپورا خالتا سپورىسى پىشقاندىن كېيىن قارا ياكى قارامتۇل كۆك رەڭگە كىرىدۇ ھەمدە ئۈستىدە توغرا سىزىقلار بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تۇراقلىق تومۇرلۇق سپورا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نېۋرو سپورا چىرىتىپ ياشايدۇ، قوناق (بولۇپمۇ قوناقنىڭ غولىدا) تا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ سپورىسى ھاۋاغا كەڭ تارقالغان بولۇپ دائىم مىكرو بىئولوگىيە تەجرىبىلىرىدە بولغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېيىشكە بولىدىغان نېۋرو سپورا بولكىدا <قىزىل پالاش> نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىرىك نېۋرو سپورا بىئوتىن ۋە ۋىتامىنلارنى بىئولوگىيىلىك ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ. نېۋرا سپورىنىڭ ھۈجەيرىسى تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ۋېتامىنلار مول بولۇپ، ئۇنى يەم - خەشەك قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ گېنېتىكىدا بىئوخىمىيىلىك ئىرسىيەت تەتقىقاتىنىڭ ياخشى ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.