Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېۋرون
بىئولوگىيە
نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بولۇپ، نېرۋا توقۇلمىسىنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكسىيە بىرلىكى ھېسابلىنىدۇ. بىر نېۋرون، ھۈجەيرە تەنچىسى ۋە ئاكسون (ئۆسۈكچە) دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا ھۈجەيرە تەنچىسى مېڭە ۋە يۇلۇننىڭ كۈل رەڭ ماددىسى ھەم نېرۋا تۈگۈنىگە جايلاشقان. نېرۋا ھۈجەيرىسى سىرتقا سوزۇلۇپ ئىككى خىل ئاكسون (ئۆسۈكچە) چىقىرىدۇ؛ بىر خىلى دەرەخسىمان بولۇپ، دەرەخسىمان ئۆسۈكچە (دىندرون) دېيىلىدۇ. ئىمپۇلسلارنى قوبۇل قىلالايدۇ ھەمدە ھۈجەيرە تەنچىسىگە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. يەنە بىر خىلى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇپ، ئوق ئۆسۈكچە (نېۋرىت) دېيىلىدۇ. نېرۋا تالالاىرىنى تۈزۈپ ئىمپۇلسنى ھۈجەيرە تەنچىسىدىن چىقىرالايدۇ. بىر تال نېرۋا تالاسى ئاكسون (نېۋرىت) يىلىك غىلىپى ۋە نېرۋا پەردىسى قاتارلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇرغۇنلىغان نېرۋا تالالىرى يىغىلىپ نېرۋا دەستىسىنى (تۇتامىنى) يەنى ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان نېرۋىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلار ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نېرۋىلىرىنى ھەمدە مېڭە ۋە يۇلۇننىڭ ئاق ماددىسىنى تۈزىدۇ.
پسىخولوگىيە
«نېرۋا ھۈجەيرىسى» گە قاراڭ.