Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نۇرى سەئىد
دۇنيا تارىخى
努里.赛义德
nǔ lǐ .sài yì dé
(1888 - 1958) ئىراق فايسال خاندانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى. ياش ۋاقتىدا كونستانتىنوپولدا ھەربىي تەلىم ئالغان، كېيىن تۈركىيە ئارمىيىسىدە خىزمەت ئۆتىگەن. 1916-يىلى تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 1920-يىلى ئىراق قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1922 - 1930-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بولغان. 1930-يىلىدىن باشلاپ 14 قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللەپ، باش ۋەزىر، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋە كېڭەش پالاتاسى باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ئىراقنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى كونترول قىلغان. تاشقى جەھەتتە ئەنگلىيە بىلەن ئىناق ئۆتۈش، ئىتتىپاق تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىراق بىلەن ئىئوردانىيىنى يادرو قىلغان ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇشنى كۆزلىگەن؛ ئىچكى جەھەتتە سول قانات پارتىيە ۋە خەلق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرغان. 1955-يىلى باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئاۋۋال تۈركىيە بىلەن <باغداد شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1958-يىلدىكى ئىراق ئىيۇل ئىنقىلابىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.