Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
诺曼底登陆战
دۇنيا تارىخى
نورماندىدىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشى
1944-يىلى 6 - 7-ئايلاردا ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى نورماندى رايونىدا گېرمانىيە قوشۇنىغا قارشى ئېلىپ بارغان قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭى. 1943-يىلى 5-ئايدا، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ۋاشىنگتون يىغىنىدا 1944-يىلى 5-ئايدا غەربىي ياۋروپادا ئىككىنچى ئۇرۇش مەيدانى ئېچىشنى ئاخىرقى ھېسابتا قارار قىلغان. قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشىنىڭ ھەرىكەت پىلانى <زومىگەر> دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئەنگلاىيە تۇپرىقىدىن يولغا چىقىپ، ئىنگلىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، نورماندى ۋە برېتانې پورتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھىللەردىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئاندىن كېيىن فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلىش، گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ جانلىق كۈچلىرىنى يوقىتىپ، گېرمانىيىنىڭ مەركىزىي رايونىغا كىرىش بەلگىلەنگەن. 1944-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى دېڭىزدىن ئۆتۈپ قۇرۇقلۇققا چىقىش باشلىنىپ 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سېن - لوسېپىنى ئىشغال قىلىش بىلەن ئاياغلاشقان. بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى فرانسىيىنى ئازاد قىلىش ۋە گېرمانىيە زېمىنىغا كىرىش ئۈچۈن يول ھازىرلاپ بەرگەن.