Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
努米底亚
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
nǔ mǐ dǐ yà
نۇمىدىيەDئۇنىۋېرسال
nǔ mǐ dǐ yà
نۇمىدىيە
دۇنيا تارىخى
نومىدىيە
شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. توسكا دەرياسىنى چېگرا قىلغان قەدىمكى دۆلەت. شەرقتە كارفاگېن بىلەن قوشنا، غەربتە ماۋرىتانىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، ئارىلىقتا مالۋا دەرياسى بار، جەنۇبتا ئافرىقا ئىچكى قۇرۇقلۇقى بىلەن، شىمالدا ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن تۇتىشىدۇ. ئورنى تەخمىنەن ھازىرقى ئالجىرىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي بىلەن تۇنىس چېگرىلىنىدىغان جايغا توغرا كېلىدۇ. ئاھالىسى كۆپىنچە چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا نۇمىدىيىدە ماسسىلىئان ۋە ماسسا ئېسىلىئان دەپ ئاتىلىدىغان ئىكى چوڭ قەبىلە بولغان. مىلادىدىن 201 يىل ئىلگىرى ماسىنسسا بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇپ، رىمغا مايىل، كارفاگېنغا قارشى سىياسەتنى يولغا قويغان. مىلادىدىن 149 يىل ئىلگخرى ماسىنىسسا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى مىسپسا ئىككى ئاكىسىنى يوقىتىپ، پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. مىلادىدىن 118 يىل ئىلگىرىكى مىسىپسا ئۆلگەندىن كېيىن ئىچكى ماجىرا يۈز بەرگەن، رىملىقلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇداخىلە قىلغان؛ يۇگۇرتا (مىسىپسانىڭ جىيەنى بولۇپ، ۋارىسلىرىنىڭ بىرى ئىدى) پادىشاھلىق تەختنى قولغا كەلتۈرۈپ، رىم بىلەن ئۇرۇش (يۇگۇرتا ئۇرۇشى) قىلغان. ئۇرۇشتا نومىدىيە مەغلۇپ بولۇپ رىمنىڭ بېقىندىسىغا ئايلانغان. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى (كائېسار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا) رىمنىڭ مەمۇرىي ئۆلكىسىگە ئايلانغان. نومىديىلىكلەر قەدىمكى زاماندا چەۋەندازلىرىنىڭ جەڭگە ماھىرلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان.