Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
努库阿洛法
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىnǔ kù ā luò fǎ
نۇكۇئالوفاDئۇنىۋېرسال
nǔ kù ā luò fǎ
نۇكۇئالوفا
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرنۇكۇئالوفا
تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى تونگا پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر تونگا تاپا ئارىلىنىڭ شىمالىي دېڭىز ياقىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. ئاھالىسى تەخمىنەن 20 مىڭغا يېتىدۇ (1982). دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. پورتقا 10 مىڭ توننىلىق ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. شەھەر كوچىلىرى دېڭىز قىرغىقى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە سوزۇلغان. شەھەردە پالما پىششىقلاپ ئىشلەش، مېتالچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردىن تىنچ ئوكياندىكى ھەرقايسى دۆلەت، رايونلارغا پاراخوت، ئايروپىلانلار قەرەللىك قاتناپ تۇرىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.