Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نۇكلېئوزوما
دائىرە: بىئولوگىيە核小体
héxiǎotǐ
<يادرو دانىچىسى> ياكى <كۇنۇپكا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خروماتىننىڭ بىرلىك تۈزۈلۈشى بولۇپ، DNA زەنجىرى ۋە گىستوندىن تۈزۈلگەن كىچىك، ياپىلاق شار شەكىللىك تەنچە. دىئامېترى تەخمىنەن 110°A، قېلىنلىقى تەخمىنەن 57°A (110 × 110 × 57) كېلىدۇ. بەزى ئالىملار خروماتىننىڭ تىزىق مارجاندەك تۈزۈلۈش مودېلىدىكى خروماتىن تالاسى مۇشۇنداق نۇكلېئوزوما تىزىقىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى DNA ئۈزلۈكسىز بولىدۇ، گىستون ئۈزلۈكسىز بولمايدۇ، گىستون نۇكلېئوزومىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. يادروسى تۆت خىل گىستوننىڭ سەككىز مولېكۇلىسىدىن تۈزۈلگەن ئوكتامېر گىستوننىڭ ھەر بىر خىلىدىن ئىككى مولېكۇلىدىن بولىدۇ. گىستونلۇق يادرونىڭ سىرتىنى 75.1 قات DNA زەنجىرى (تەخمىنەن 140 دانە ئىشقار رادىكال جۈپى) ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى دانە نۇكلېئوزوما ئارىلىقىنى باغلىغۇچى يىپچە دەپ ئاتىلىدىغان 50 ~ 60 دانە ئىشقار رادىكال جۈپلىك DNA زەنجىرى باغلاپ تۇرىدۇ. باغلانغان قىسىمدا يەنە ئىككى دانە نۇكلېئوزومىدىكى DNA زەنجىرى بىلەن باغلىنىدىغان بىر دانە گىستون مولېكۇلىسى H بولىدۇ. H نىڭ رولى خروماتىن تالاسىنىڭ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا قىسقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.