Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نىتاردو
دائىرە: دۇنيا تارىخى尼泰德
ní tài dé
(تەخمىنەن 795 - 844) فرانك پادىشاھلىقىنىڭ سالنامىچىسى. ئىپېراتور چارلېسنىڭ قىز نەۋرىسى. <تۆت توملۇق تارىخ> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭدا فرانك كورۇلى لۇئى (تەقۋادار) نىڭ ئۈچ ئوغلى لوتېر، لۇئى (گېرمان) ۋە چارلېس (تاقىر باش) نىڭ تەخت ۋە زېمىن تالىشىپ ئېلىپ بارغان ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ جەريانى، 840-يىلدىن 843-يىلىغىچە بولغان <ۋېردېن شەرتنامىسى> نىڭ ئىمزلاىنىشى خاتىرلەنگەن. <ستراسبۇرگ قەسىمى> توغرىسىدىكى رومان ۋە تېئۇتون يېزىقلىرىدىكى نۇسخىلار مۇشۇ ئىككى خىل يېزىقتىكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمكى ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ؛ بۇلاردىن باشقا، كىتابتا 184 - 843-يىللىرىدىكى سىتېلىنگا قوزغىلىڭىمۇ خاتىرىلەنگەن، بۇ، مۇشۇ قوزغىلاڭ توغرىسىدىكى بىردىنبىر ئەڭ دەسلەپكى خاتىرىدۇر.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.