Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نېسسېلرودې
دۇنيا تارىخى
涅塞罗选
niè sài luó xuàn
(1780 - 1862) روسىيە باش ۋەزىرى، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1845 - 1856). 1801-يىلى دىپلوماتىيە ساھەسىگە كىرگەن. ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1816-يىلدىن تارتىپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى باشقۇرغان. ۋېنا يىغىنى (1814 - 1815) غا ۋە مۇقەددەس ئىتىپاقنىڭ يىغىنلىرىغا قاتناشقان. 1845-يىلى باش ۋەزىر، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئالېكساندىر Ⅰ، نىكولاي Ⅰ نىڭ ئىرادىسىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلغان. سىرتقا قارىتا بالقاننى تالاشقان، فرانسىيە ئىنقىلابىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان، ياۋروپا پادىشاھلىق تۈزۈمىنى قوغدىغان. 1848-يىلى ئاۋسترىيە كورۇلىغا ياردەملىشىپ ۋېنا ئىنقىلابى ۋە ۋېنگرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. قىرىم ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانلىقتىن، ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان.