Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نىسېيە ئىمپېرىيىسى
دۇنيا تارىخى
尼西亚帝国
ní xī yà dì guó
ئەھلىسەلىپ تۆتىنچى قېتىم شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە (1202 - 1204)، ۋىزانتىيە ئاقسۆڭىكى لاسكارىس (؟ - 1222) كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدا قۇرغان فېئودالىق دۆلەت (1206 -1261)، پايتەختى - نىسېيە شەھىرى (ھارىقى ئىزنىڭ). ئۇ شەرقتە رۇم سۇلتانلىقى ۋە ترېبىزوند ئىمپېرىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربتە لاتىن ئىمپېرىيىسىگە تۇتىشىدۇ. مەملىكەت ئىچى (بولۇپمۇ تاغلىق رايونلار) دا بىر بۆلۈك ئەركىن دېھقانلار ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، سودا - سانائەت بىر قەدەر راۋاجلانغان. جۇن Ⅲ تەختتىكى مەزگىلدە (1222 - 1254)، ئەركىن دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان قوشۇنغا تايىنىپ، لاتىنلاردىن كىچىك ئاسىيانىڭ زور كۆپ قىسمى (كونستانتىنوپولدىن دېڭىز بوغۇزى ئارقىلى ئايرىلىپ تۇرغان نىكومېدىيە رايونىدىن باشقا) نى قايتۇرۇۋالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن قارا دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، فراكىيە ۋە تېسالونكانى ئىگىلىۋالغان. مىخائېل Ⅷ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە 1259-يىلى نىسېيىگە قارىتىلغان، سىتسىلىيە، ئېپىروس پادىشاھلىقى، ئاقائىيە كىنەزلىكى ۋە سېربىيىدىن تەركىب تاپقان ئىتتىپاقنى پاچىلىغان. 1261-يىلى 3-ئايدا گېنويىنىڭ ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدە سودا ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولۇشقا يول قويۇش شەرتى بىلەن، ئۇنىڭ ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولۇشقا يول قويۇش شەرتى بىلەن، ئۇنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولغان. 1261-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى نىسېيە قوشۇنى كونستانتىنوپولنى ئىگىلەپ، لاتىن ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋاىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پالېئولو سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئىمپېرىيە ئاخىرلاشقان.