Uyghurئاساسىي لۇغەت
نىسبەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇناسىۋەت، مەنسۇپلۇق؛ نەسەب، نەسىل:
ھەقىقەتدە قۇتلۇغ قاراخان ئاتى،
كى شىرى خۇداغە يېتەر نىسبەتى.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېقىملىق، تۇتاشلىق، چېتىشلىق، قاراشلىق، قىياس، چېقىشتۇرما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
نەرسىلەرنىڭ بىر - بىرىگە نىسبەتەن چوڭ - كىچىكلىكى، ئاز - كۆپلۈكى ۋە شۇ قاتارلىقلار.
قارىمۇ قارشى كۈچلەر نىسبىتى.
<مات> ئوخشاش تۈردىكى ئىككى مىقدارنى سېلىشتۇرۇشتىكى ھەسسىلىك مۇناسىۋەت. بۇنىڭدا بىر سان ئىككىنچى بىر ساننىڭ بىر قانچە ھەسسىسى ياكى بىرنەچچە ئۈلۈشىگە باراۋەر بولىدۇ.