Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى
بىئولوگىيە
ئەتراپ نېرۋىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچ قىسىملىرىنى كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن بەدەندىكى ھەر خىل توقۇلما ۋە ئورگانلارغا تارقالغان. ئىككى خىلغا، يەنى ھەرىكەت نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى ۋە سەزگۈ نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ھەرىكەت نېرۋا تالالىرى مەركەز ۋە ۋېگېتاتىۋ نېرۋىسىدىن چىقىدۇ. ئاخىرقى ئۇچلىرى مۇسكۇل ۋە بەزلەرگە تارقالغان بولۇپ، مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشىغا ۋە بەزلەرنىڭ ئاجرىتىلىشىغا تۈرتكىلىك قىلىدۇ. سەزگۈ نېرۋىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرى تەسىرنى (غىدىقلاشنى) قوبۇل قىلىپ سېزەلەيدۇ ھەمدە سېزىمنى مەركەزگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.