Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نېرۋا تۈگۈنى
ئاناتومىيە,ئۇنىۋېرسال
神经节
shén jīng jiéDئۇنىۋېرسال
نېرۋا تۈگۈنى (تۆرەلمىنىڭ)
髓节
suǐ jié
ئۇنىۋېرسال
shén jīng jié
神经节
بىئولوگىيە
神经节
shénjīngjié
نېرۋا ھۈجەيرىلىرى يىغىلىپ شەكىللەندۈرگەن تۈگۈنسىمان تۈزۈلۈش. سىرتقى يۈزىنى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ئوراپ تۇرىدۇ، ئىچكى قىسمىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدىن ئۇزىراپ چىققان نېرۋا تالالىرى بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىغىچە تارقالغان. بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار ۋە بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ باش قىسمىدىن (مېڭە ئادەتتە نۇرغۇن جۈپ نېرۋا تۈگۈنلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ) باشقا، پرىنسىپ جەھەتتە ھەر بىر بوغۇمدا بىر جۈپتىن نېرۋا تۈگۈنى بولىدۇ، سەل يۇقىرى دەرىجىلىكرەك تۈرلىرىدە نېرۋا سىستېمىسى مەركەزلىشىشكە يۈزلىنىپ، قورساق نېرۋا زەنجىرىدىكى ھەرقايسى نېرۋا تۈگۈنلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى بىرىكىش مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن، قىسقۇچپاقىنىڭ كۆكرەك قىسمى بىلەن قورساق قىسمىدىكى نېرۋا تۈگۈنلىرى، تەن بوغۇملىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ماس ھالدا بىرىكىىپ بىر چوڭ نېرۋا تۈگۈنلىرى كاللكىكىنى ھاسىل قىلغان. شەرقىي ئاسىيا چېكەتكىسىنىڭ كېيىنكى كۆكرىكىنىڭ ئىچىدىكى نېرۋا تۈگۈنى كېيىنكى كۆكرەك نېرۋا تۈگۈنى بىلەن ئالدىنقى ئۈچ قورساق نېرۋا تۈگۈنلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان. ئۆي چىۋىنىنىڭ كۆكرەك قىسمى ھەم قورساق قىسمىدىكى بارلىق نېرۋا تۈگۈنلىرى بىرىكىپ چوڭ بىر نېرۋا تۈگۈنىگە ئايلانغان؛ مولليۇسكلارنىڭ زور كۆپچىلىكىدە مېڭە، پۇت، يان، ئىچكى ئەزادىن ئىبارەت تۆت جۈپ ئاساسلىق نېرۋا تۈگۈنى بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ يەنە قايتىدىن تارماقلىنىپ دىۋار نېرۋا تۈگۈنى ۋە باشقا نېرۋا تۈگۈنلىرى چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىشىدىغان نېرۋىلىرى بولىدۇ ھەمدە ئۆز ئالدىغا بەدىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تۇتىشىدىغان نېرۋىلارنى چىقارغان بولىدۇ؛ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا يۇلۇن نېرۋا تۈگۈنى، سىمپاتىك نېرۋا تۈگۈنى ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋا تۈگۈنى بولۇپ، كېيىنكى ئىككىسى يەنە نېرۋا تالالىرى ئارقىلىق مېڭە ۋە يۇلۇنغا تۇتاشقان بولىدۇ.