Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېرۋا سىستېمىسى
بىئولوگىيە
نېرۋا ھۈجەيرىسى ۋە نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ بەلگىلىك سىستېما بويىچە بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلايدىغان، شۇنداقلا ھايۋاننى ئۇنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن بىردەكلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇھىم تۈزۈلۈش. ھايۋانلار تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە كەلگۈچە ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىمۇ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ بارىدۇ. ئاددىي ھايۋانلارنىڭ ئۆزى ئەسلىلا پەقەت بىرلا ھۈجەيرە بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى بولمايدۇ، ئۇنىڭ سەزگۈ ۋە ئىنكاسلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ھۈجەيرە ئارقىلىق ئورۇنلىنىدۇ. كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلاردا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىدا روشەن ھالدا بارا - بارا باش قىسمىغا قاراپ مەركەزلىشىش يۈزلىنىشى مەۋجۇت. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار، بولۇپمۇ ئادەملەرگە كەلگەندە نېرۋا سىستېمىسى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.
پسىخولوگىيە
بۇ ئادەم ۋە كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار تېنىدىكى ئەزالار پائالىيىتىنى تەڭشەپ، تاشقى مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بالىق نېرۋا قۇرۇلمىلىرىدىن ئىبارەت. ئۇ يەنە پسىخىك ھادىسىلەرنىڭ ئاساسلىق ماددىي ئاساسى. ئۇ ئاساسەن نېرۋا ھۈجەيرىسىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئىنسانلاردا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بىلەن ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى مېڭە بىلەن يۇلۇندىن تەشكىل تاپقان. مېڭىدىن چىققان مېڭە نېرۋىسى بىلەن يۇلۇندىن چىققان يۇلۇن نېرۋىسىدىن ئەتراپ نېرۋا سىستېسىمى قۇرۇلغان. ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسى ئۆزىنىڭ باشقۇرىدىغان ئوبيېكتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بەدەن نېرۋىسى بىلەن ئىچكى ئەزالار نېرۋىسىغا بۆلۈنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭلا مەركەزگە ئىنتىلگۈچى (سەزگۈ) تالاسى بىلەن مەركەزدىن قاچقۇچى (ھەرىكەت) تالاسى بار. ئىچكى ئەزالار نېرۋىسىنىڭ مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋىسى ئومۇمەن ۋىگىتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ۋىگىتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسى سىمپاتىك نېرۋا بىلەن پاراسىمپاتىك نېرۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.