Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېرۋا نەيچىسى
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئاساسى - نېرۋا تاختىسىدىن شەكىللىنىدىغان بىر ئۆتكۈنچى تۈزۈلۈش بولۇپ، نېرۋا تاختىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى نېرۋا پۈرمىسىنىڭ تەدرىجىي ھالدا مەركەزگە بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەن. پۈتۈن شەكلى نەيچىسىمان (ئۇنىڭ مەركىزىدىكى نەيچە بوشلۇقى مەركىزىي نەيچە بوشلۇقى دېيىلىدۇ)، كېيىن تەرەققىي قىلىپ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا مېڭە ۋە يۇلۇنغا ئايرىلىدۇ، ئۇنىڭ يۇلۇن قىسمى يېتىلگەن تەنچىدە يەنىلا نەيچىسىمان ھالەتتە بولىدۇ، شۇڭا نېرۋا نەيچىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.