Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نېرۋا
ئۇنىۋېرسال,ماتېماتىكا,ئاناتومىيە,تېببىي,ئورمانچىلىق
神经
shén jīngDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
内尔瓦
nèi ěr wǎ
پسىخولوگىيە
神经
shén jīng
بۇ ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسىدىكى بىرىكمە توقۇلمىنىڭ قاپلىق نېرۋا تالاسى ياكى نېرۋا باغلىمىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە نېرۋىسى، يۇلۇن نېرۋىسى ۋە سىمپاتىك نېرۋىلار بار. پەقەت ھەرىكەت نېرۋا تالاسىدىن تەشكىل تاپقان نېرۋا ھەرىكەت تالاسىدىن تەشكىل تاپقان نېرۋا ھەرىكەت نېرۋىسى، پەقەت ھەرىكەت نېرۋا تالاسىدىن تەشكىل تاپقان نېرۋا ھەرىكەت نېرۋىسى، پەقەت سەزگۈ نېرۋا تالاسىدىن تەشكىل تاپقان نېرۋا سەزگۈ نېرۋىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئارىلاش تەشكىللەنگەن نېرۋا ئارىلاش نېرۋا دەپ ئاتىلدۇ. بەدەن ئىچىدە نېرۋىلارنىڭ تولىسى ئارىلاش نېرۋىلاردىن ئىبارەت.
بىئولوگىيە
神经
shénjīng
مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىن باشقا نېرۋىلارغا تەۋە تۈزۈلۈشلەر بولۇپ، مەلۇم ساندىكى نېرۋا تالالىرى تۇتامىنى (دەستىسىنى) بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىنىڭ ئوراپ تۇرۇشىدىن شەكىللەنگەن. ئاق رەڭلىك، يىپسىمان، ئاددىي كۆز بىلەن كۆرۈشكە بولىدۇ. نېرۋىلارنى جايلاشقان ئورنىغا ئاساسەن مېڭە نېرۋىلىرى، يۇلۇن نېرۋىسى، سىمپاتىك نېرۋىلار ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ رولىغا ئاساسەن سەزگۈ نېرۋىلىرى، ھەرىكەت نېرۋىلىرى ۋە ئارىلاش نېرۋىلار دەپ بىر قانچىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ھەرىكەت نېرۋىلىرىدا يەنە سۆڭەك مۇسكۇللىرىنى باشقۇرىدىغان گەۋدە ھەرىكەت نېرۋىسى ۋە ئىچكى ئەزا، يۈرەك قان تومۇرلىرى ۋە بەزلەرنى باشقۇرىدىغان ئىچكى ئەزا (ئورگان) ھەرىكەت نېرۋىسى يەنە ۋېگېتاتىۋ نېرۋىسى بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
(1)shén jīng (2)shén jīng zhì de ,shén jīng guò mǐn de ,qíng xù bù wěn dìng de
(1)神经(2)神经质的,神经过敏的,情绪不稳定的
دۇنيا تارىخى
涅尔瓦
niè ěr wǎ
( 30 - 98). قەدىمكى رىم پادىشاھى (96 - 98). ئىتالىيىدىكى ئومبىرىيىنىڭ نارنىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. مىلادىن 71 - ۋە 90-يىلى ئىككى قېتىم ئارخون بولغان. دومىتىئانو ئۆلتۈرۈلگەن (96) دىن كېيىن، سىنات ۋە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىنغان. مۆتىۋەرلەرگە كەڭ قوللۇق قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ھەمدە ئەمدى مۆتىۋەرلەرنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم بەرگەن؛ بىر تۈركۈم ئۆلكە ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ھەربىيلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 97-يىلى، ھەربىي ھوقۇقنى ئىگىلەپ تۇرغان تراجاننى ئوغۇل قىلىپ بېقىۋالغان ۋە ئىزباسار قىلىۋالغان ھەمدە ئىش يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلغان، ياندۇرقى يىلى ئۆلگەن. ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش تارىخشۇناس تاستو نېرۋانى مۆتىدىل پادىشاھ دېگەن.