Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نىپۇر
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى尼皮尔
ní pí ěr
دائىرە: دۇنيا تارىخى尼普尔
ní pǔ ěr
قەدىمكى ئۇرۇك سۇلالىسىدىن كاسسىت دەۋرىگىچە بولغان خارابە ئورنى. ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى نۇفا دېگەن يەردە، سۇمېر ئاككادىيە دەۋرىدىكى باش تەڭرى ئېنلىل ئۈچۈن نەزىر - چىراغ قىلىنىدىغان دىنىي پايتەخت. 1889-يىلدىن باشلاپ كۆپ قېتىم قېزىلىپ، دەسلەپكى سۇلالىلەر دەۋرى يەنى ئۇر ئۈچىنچى سۇلالە دەۋرىگە ئائىت مۇنارلىق بۇتخانا ۋە ئىلاھىي ئىبادەتخانىلارنىڭ خارابىلىرى تېپىلغان. تابلوت ئېدىرلىقىدىن ئۆيلەرنىڭ خارابىسى ۋە كۆپلىگەن سېغىز بەتلىك ھۆججەتلەر تېپىلغان. بۇلارنىڭ كۆپى بابىلون دەۋرىگە تەۋە. بۇ ھۆججەتلەردە سارگون لەشكەرلىرىنىڭ ئېلام رايونلىرى بىرلەشمە ئارمىيىسىنى يېڭىش ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن. پارس قولتۇقى تاقىم ئاراللىرى بىلەن ماگان دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ خاتىرىلەنگەن. شۇنداقلا سۇمېر ئايال تەڭرىسى ئىنەننا ئىبادەتخانىسىنىڭ دەسلەپكى سۇلالىلەر دەۋرىدىن باشلاپلا قۇرۇلغانلىقى ھۆكۈم قىلىنغان. قېزىۋېلىنغان ئاساسلىق نەرسىلەر ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ تاشتىن ئويۇلغان ھەيكىلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. لۇگال زاگىس نىپۇر ئىبادەتخانىسىغا تەقدىم قىلغان ئۆزىنىڭ ئويما رەسىمىگە سېمىت يېزىقىنى ئويۇپ چىققان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.