Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نېپوس
دۇنيا تارىخى
奈波斯
nài bō sī
(مىلادىدىن ئىلگىرى 99 - 42) قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى يازغۇچى. ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى ۋېرونا دېگەن يەردىن. ھاياتىدىكى ئىش - پائالىيەتلىرى ئېنىق ئەمەس. سىسېروننىڭ دوستى. <يىلنامە>، <سىسېروننىڭ تەرجىمىھالى>، <كاتوننىڭ تەرجىمىھالى> ۋە باشقا مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان بولسىمۇ تامامەن دېگۈدەك يوقىلىپ كەتكەن، پەقەت مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن پارچىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ <مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى> دېگەن ئەسىرىنىڭ <چەت ئەل مەشھۇر سەركەردىلىرى تەزكىرىسى> قىسمىدىن پارچىلار ساقلىنىپ قالغان؛ ۋەقەلىكنى بايان قىلىشى ئوچۇق ھەم تەرلىك بولسىمۇ، لېكىن دائىم ئەينەن بولامي قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ئەسەرلىرىنىڭ تارىخىي ماتېرىيال قىممىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.