Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نوۋگورود فېئودال جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
诺夫哥罗德封建共和国
nuò fū gē luó dé fēng jiàn gòng hé guó
ⅡⅩ - ⅤⅩ ئەسىرلەردە نوۋگورود شەھىرىنى مەركەز قىلغان فېئوداللىق دۆلەت. بۇ شەھەر مىلادى Ⅸ ئەسىردە ەروسىيە يىلنامىسىدە كۆرۈلگەن، ئۇ كىچىك شەھەر - بازاردىن ھاسىل بولغان. Ⅹ ئەسىردىن ⅡⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، كيېۋ - رۇسقا تەۋە بولغان. 1136-يىلى نوۋگوروددا كەڭ كۆلەملىك دېھقانلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى قوزغىلىڭى پارتلىغان، للېكىن قوزغىلاڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى فېئودال خوجىدارلار ۋە يۇقىرى قاتلام سودىگەرلەر ئىگىلىۋېلىپ، كيېۋرۇستىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇپ، فېئودال جۇمھۇرىيەت قۇرغان. شەكىل جەھەتتە ئالىي ھاكىمىيەت شەھەر ئاھالىسى يىغىنىغا مەنسۇپ بولغان، ئەمەلىيەتتە خوجىدارلار ئىگىلىۋالغان. ئارخېئېپىسكوپ ھاكىمىيەتتە مۇھىم رول ئوينىغا، خوجىدارلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ھەربىر شەھەر رايونىدا گەرچە ئاھالىلەر ئۆزى سايلانغان ئاپتونوم ئورگان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا خوجىدارلار نازارەتچىلىك قىلغان. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، كۆپ قېتىم دېھقانلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى قوزغىلىڭى بولغان. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىپچاق خانلىقىغا تەۋە بولغان. بۇ يەر بالتىق دېڭىزىدىكى سۇ يوللىرىغا قانتايدىغان ئاچالغا، ۋولگا دەرياسىدىكى سودا يوللىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇزاقتىن بېرى رۇسلار بىلەن غەربىي ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەركىزى بولۇپ كەلگەن. ⅣⅩ ئەسىردە ئومۇميۈزلۈك روناق تاپقان دەۋرگە كىرگەن. ⅣⅩ - ⅤⅩ ئەسىرلەردە شۋېتسىيە فېئوداللىرى ۋە گېرمان رىتسارلار پولكىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1456-يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ قانۇن چىقىرىش ۋە دىپلوماتىيە ھوقۇقىنى موسكۋا چوڭ كىنەزلىكى كونترول قىلغان. 1478-يىلى ئىۋان Ⅲ ئۇنى موسكۋا چوڭ كىنەزلىكىگە قوشۇۋالغان