Uyghurئاساسىي لۇغەت
نوۋاكوۋىچ
دۇنيا تارىخى
(1842 - 1915) سېربىيە باش ۋەزىرى (1895 - 1896، 1909) ئالىم. بۇرژۇئا تەرەققىيپەرۋەر پارتىيىسى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. مائارىپ ۋەزىرى (1873، 1874، 1880 - 1883)، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1884)، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1893) بولغان. ئىستانبۇل، پارىد ۋە پېتېربۇرگلاردا ئەلچى بولغان. سېربىيىنىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ۋە يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر ۋە مەخسۇس تېمىدىكى ئەسەرلەرنى يازغان، شۇنىڭدەك سېربىيىنىڭ ئەدەببيات تارىخى، تىلشۇناسلىق تارىخى توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىي ئىقتىساد ۋە قانۇن - مەدەنىيەت مەسىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن، تارىخىي جۇغراپىيە ئىلمىنى تارىخىي سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تەتقىق قىلغان. لېكىن بەزى ئەسەرلىرىدە تارىخچىلىق قارىشى كەم. ئۇنىڭ <سېربىيە كىنەزلىكىنىڭ تارىخى>، <سېربىيىنىڭ ئەدەبىيات تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.