Uyghurئاساسىي لۇغەت
نورۇزگۈل جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى باش ئوفىتسېرلاردىن تەركىب تاپقان فاشىستىك مەخپىي تەشكىلات. 1930-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان. ئەزاسى تەخمىنەن 60 كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ۋە باش شتابتىكى زو، ۋىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلار. مەركەزلىك زاتلاrدىن لېيتېنانت موتوياسۇچى گورا (1890 - 1957) لېيتېنانت نېگى فو (1891 - 1866)، ستارشى كاپىتان تاناكا خىساشى (1910 - 1936) قاتارلىق كىشىلەر بار. ئۇلار ئىچكى جەھەتتە ھەربىي فاشىستىك ئىستىبداتلىقنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. تاشقى جەھەتتە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى قورال كۈچى بىلەن بېسىۋېلىشنى تەرغىپ قىلغان. 1931-يىلى مارت ۋەقەسىنى پىلانلىغان ھەم مەغلۇپ بولغان. كېيىن خاشموتو قاتارلىقلار كانتون قوشۇنلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىدىغان 18-سېنتەبر ۋەقەسىنى قوزغىغان. ئاندىن يەنە ئۆكتەبر ۋەقەسىنى پىلانلاپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. كېيىن ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن. بىر قىسىم ئەزالار بىر تۇتاش ئىدارە قىلىش تەرەپدارلىرىنىڭ تايانچىسى بولۇپ قالغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن خاشموتو كېنگورو ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان. 1948-يىلى 12-ئايدا يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن.