Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نوررىس
دائىرە: دۇنيا تارىخى诺里斯
nuò lǐ sī
(1870 - 1902) ئامېرىكىلىق ياغۇچى. چىكاگودا تۇغۇلغان. 1884-يىلى سان فرانسىسكوغا كۆچۈپ بارغان. پارىژدا رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. 1890-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، كالىفورنىيە داشۆسى ۋە خارۋارد داشۆسىدە ئوقۇغان. كېيىن جەنۇبىي ئافرىقا ۋە كۇبادا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىر بولغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى ئەسەرلىرى ناتۇرالىزم تۈسىنى ئالغان، كېيىن كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى تەنقىد قىلىشقا يۈزلەنگەن. ۋەكىللىك خاراكېتىرەە ئىگە ئەسەرلىرى ترىلوگىيىسى <بۇغداي ھەققىدىكى داستان> بولۇپ، ئۇنىڭ <تاپانبېلىق> دېگەن بىرىنچى قىسمىدا دېھقانچىلىق مەيدانى ئىگىلىرى بىلەن تۆمۈريول ترېستلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. <ھاو> (<سودا مۇنبىرى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) دېگەن ئىككىنچى قىسىمىدا چىكاگو بۇغداي بازىرىدىكى پۇل مۇئامىلە دوكالىرىنىڭ جىنايى ھەرىكەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. <بۆرە> دېگەن ئۈچىنچى قىسمىدا ئىمپېروت - ئېكسپورت سودىسى يېزىلماقچى بولۇپ، تېزىسىلا يېزىلغان، بىراق ئاپتور ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ يەنە <بىر يىگىتنىڭ قىزى> دېگەن ئەسىرى، <يازغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە باشقىلار> دېگەن ماقالىلەر توپلىمى بار.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى诺里斯
nuò lǐ sī
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.