Uyghurئاساسىي لۇغەت
نومۇس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ ئۆز ئىززەت - ھۈرمىتىنى ساقلاش، قەدىرلەش تۇيغۇسى.
نومۇس مەسىلىسى - ئالاھىدە غۇرۇرلۇقنىڭ بەلگىسى. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. نومۇسىنى بىلمىگەن ئادەمدە گۈزەل ئەخلاق بولماس. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار بولار. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسىنى ئۇنتۇر. ئۇيات تۇرغان يەردە، ئىمان تۇرار. كېپەكتە قۇۋۋەت يوق، ئابدالدا ئۇيات. - كىشىدىن ھايات كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر. ھايا بار يەردە ۋاپا بار. قىزنىڭ كۆركى شەرم - ھايا. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خىجىللىق ۋە ئۇيىلىش تۇيغۇسى.
شەرەپ، شان، شان - شەرەپ، شۆھرەت، شەۋكەت
ئاتاق - ئابرۇي، پەخىر - ئىپتىخار.
ئىقتىسادچىللىق شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس. شەرەپ بىلەن غەلىبە - بىر تۇغقان قوشماق. بەيگىگە چۈشكەن ئات ئېگىسىگە يا شەرەپ كەلتۈرەر، يا ئىگىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. شۆھرەتكە بېرىلىش - ئەڭ رەزىل ھەۋەس. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسنى ئۇنتار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىلەرنىڭ ئۆز ئابرۇيىنى قەدىرلەش ۋە ساقلاش تۇيغۇسى؛ ۋىجدان.
نومۇسىنى ساقلىماق.
نومۇس كۈچى ئۇنى شۇنداق قاتتىق تەرلىتىۋەتكەنىدى.
خىجالەت بولۇش ھېس تۇيغۇسى؛ ئۇيات، ئار، شەرم - ھايا.
قىز بالا ئۈچۈن ئاتا - ئانا، ئەل - يۇرت ئالدىدا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق نومۇس بولامدۇ؟
پاكلىق، ئىپپەت (ئاياللارغا نىسبەتەن).
نومۇسىنى ساتماق. نومۇسىغا تەگمەك.