Uyghurئاساسىي لۇغەت
نوم
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
بۇددا دەستۇرى، بۇددا كىتابى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
نوم، دىن، شەرىئەت.
« تەڭرى نومى _ تەڭرىنىڭ دىنى ۋە شەرىئىتى» دېگەن سۆز مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان. ھەممە دىنلارغا « نوم _ نوم» دېيىلىدۇ. بۇ چىنلىقلارنىڭ سۆزىدۇر.
3 - 188
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ قەدىمكى مىسىردىكى ھەرقايسى رايونلارنى ئاتىشى. مىسىرلىقلارنىڭ تىلىدا سپت دەپ ئاتالغان. ئادەتتە مەلۇم بىر سىياسىي ۋە دىنىي مەركەز ئەتراپىدىكى بەزى يېزا كوممۇنىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەشكىل قىلىدۇ، قەدىمكى مىسىر ئېروگېلىف يېزىقىدا يەر ۋە تەرەپ - تەرەپكە سوزۇلغان دەريالارغا بەلگە قىلىنغان. ھەرقايسى نومنىڭ ئۆزىنىڭ توتېمى، قوغدىغۇچى ئىلاھ ۋە ئەسكىرى بولغان. بەزى ئالىملار نومنى بىر خىل شەھەر دۆلىتى دەپ قارايدۇ. مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مىسىردا جەمئىي 42 توم (شىمالىي مىسىردا 22، جەنۇبىي مىسىردا 20) بولغانىكەن. نومنىڭ ھۆكۈمرانى نومارك يەنى <ئايماق باشلىقى> دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ ئورنى ۋارىسلىق قىلىنغان، ھەربىي - مەمۇرىي، ئەدلىيە ۋە نەزىر - چىراغ قىلىش ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولغان. قەدىمكى مىسىر بىرلىككە كەلگەن دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، نوم پادىشاھ ھاكىمىيىتىگە بېقىندىغان يەرلىك مەمۇرىي ئورۇن بولۇپ قالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىن
بۇددا دىننىڭ كلاسسىك كىتابى.
بۇددا نومى.