Uyghurئاساسىي لۇغەت
نۆكەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
= نەۋكەر.
ئىتتىفاق ئەيلەپ ھەممە قول بەردىلەر،
قالمادى قول بەرمىگەن بەگۈ نۆكەر.
زەلىلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان كىشى، ئارمىيىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك خادىم.
«ئەسكەر»، «جەڭچى» ئاكتىپ سۆزلەر، قالغانلىرى پاسسىپ سۆزلەر.
ھەممىلا ئەسكەرنىڭ مارشال بولالىشى مۇمىكىن. بىر چېرىك قوشۇن بولالماس. لەشكەرنىڭ ھەممىسى بولالماس باتۇر، دەشتتە شىر، بۆرە ھەم قاشقىر باردۇر. گېنېرال بولۇشنى ئارزۇ قىلمىغان جەڭچى ياخشى جەڭچى ئەمەس. يىگىت بولساڭ، يىگىتلىكىڭ بىلەن تونۇل نادان خاننىڭ نۆكىرىمۇ نادان. سىپاھنىڭ چېيى تاتلىق بولسا ئەگەر، ئۇندا شان ئەمەس، رەسۋالىق كۆپىيەر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ۋەزىر، خىزمەتچى، قوغدىغۇچى؛
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
فېئوداللىق تۈزۈمدە ئەسكەر، مۇھاپىزەتچى.
تۇرشا تۇغۋېگى <قېنى، سىلەر!> دەپ توۋلاش بىلەن تەڭ تۆت نۆكەر كىرىپ، نىياز دورغىنى قوللىرىدىن سۆرەپ ماڭدى.
چاكار، مالاي، خىزمەتكار.
چاپارمەن كېلىپ ئاتتىن چۈشۈپ، ئېتىنى نۆكەرلەرگە تۇتقۇزۇپ نۇرغۇن ياساۋۇللارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ شاھ ئالدىغا ھازىر بولىدۇ.