Uyghurئاساسىي لۇغەت
نىمچە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قىسقا تاش كىيىم:
نىمچە نارەنجى، قىزىل كۆڭلەك، باشىدا قەرقارا،
سۇنبۇلى بەدىن ئۆرۈلگەن تال چىبىق بۆركلۈككىنە.
ئەرشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاياللارنىڭ كۆڭلەكنىڭ ئۈستىگە، پىلاتىنىڭ ئىچىگە كىيىدىغان يەڭسىز، ياقىسىز كىيىمى.
بىر پەستىن كېيىن سارغۇچ گۈللۈك تاۋاردا نىمچە كىيگەن گۈل خېنىم دالانغا چىقتى.