—مەنبە
نېمە ئۈچۈن بىر ئايلىق بوۋاقلارغا مېۋە شىرنىسى ۋە كۆكتات شەربەتلىرىنى قوشۇپ بېرىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈنئاتا سۈتىنىڭ يېتەرلىك بولۇش - بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، بىر ئايلىق بوۋاقلارغا مېۋە ۋە كۆكتات شەربىتى قوشۇپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق. ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ تەلىپىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارنىڭ ۋىتامىن C غا بولغان ئېھتىياجى كۆپرەك، لېكىن ھەرخىل سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى (ئانا سۈتىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. ۋىتامىن C يۈكسەك دەرىجىدە ئوكسىدسىزلىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، بەدەندىكى توقۇلمىلارنى ئوكسىدلىنىپ زەخمىلىنىشتىن ساقلاپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. بەدەندىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى كەمچىل بولغاندا بوۋاق تېنىدىكى قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولسا يەنە قان بۇزۇلۇش كېسىلى يۈز بېرىدۇ. يېمەك - ئىچمەكتىكى ۋىتامىن C نىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە ۋىتامىن C نىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ يېتەرسىزلىكى بوۋاقلاردىكى ۋىتامىن C كەمچىللىكىدىكى مۇھىم ئامىل. يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەردىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى مول بولغانلىقتىن بىر ئايلىق بوۋاقلارغا مېۋە ۋە كۆكتات شەربىتىنى قوشۇپ بېقىش تەلەپ قىلىنىدۇ.