Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېلۇپەر
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ نېلۇپەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، نېلۇپەرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، سۇدا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ ھەجمى چوڭ، شەكلى سوقىچاق، رەڭگى يېشىل بولىدۇ. يوپۇرماق ساپىقى ئىنچىكە، ئۇزۇن بولۇپ، يىلتىز غولىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. گۈلى ئاق ئېچىلىدۇ. ئانىلىق ساپىقى قىسقا، مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك، پوستى قاتتىق، ئىچىدە بىر دانە ئۇرۇقى بولىدۇ. 9 ~ 10 - ئايلاردا پىشىدۇ. ئۇرۇقى شار شەكىللىك بولۇپ، دىئامېتىرى بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان سىزىقچىلار بولۇپ، يۈزىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ خورما رەڭدە بولىدۇ. ئۇرۇقى ئىچىدە يېشىل رەڭلىك تۆرەلمە بىخى بار، قېرىقراق تاتلىق تېتىيدۇ. قۇرۇتۇلغان غۇنچىسى سىلىندىر شەكىللىك، رەڭگى گۈل رەڭگە مايىل ياكى قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. گۈل ساپىقى ئىنچىكە ئۇزۇن بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان سىزىقچىلار ۋە ئىنچىكە تىكەنلىرى بولىدۇ. رەڭگى سۆسۈنگە مايىل، گۈلى، غۇنچىسىنىڭ پۇرىقى خۇش پۇراق بولىدۇ. يىلتىز غولى توم، قىسقا، رەڭگى قارامتۇل قىزىل كېلىدۇ. سىرتىدا ئىنچىكە شاخچە يىلتىزلىرى بار. ئۇرۇقىنىڭ تەمى تاتلىق، تۆرەلمە بىخىنىڭ تەمى قېرىق، گۈلىنىڭ تەمى، غۇنچىسىنىڭ تەمى ئاچچىق، نېلۇپەر ئاتىلىقىنىڭ تەمى تاتلىق، يوپۇرماق سېپى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ تەمى ئاچچىق، يىلتىزسىمان غول بوغۇمىنىڭ تەمى تاتلىق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، تۆرەلمە بىخى، يىلتىزسىمان غولىنىڭ بوغۇمى، يوپۇرمىقى، يوپۇرماق سېپى، گۈلى، نېلۇپەر ئاتىلىقى، گۈل تېگى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز ۋە كۈزدە گۈلى، ئاتىلىقى، يوپۇرمىقى، يوپۇرماق ساپلىرىنى يىغىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ كۈز پەسلىدە گۈل تېگى، ئۇرۇقى، تۆرەلمە بىخلىرىنى يىغىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى يوپۇرمىقىنى قورۇپ كۆمۈر قىلىپ؛ يىلتىزسىمان غولىنى كەچ كۈزدە ۋە باش باھاردا كولاپ، ئۇنىڭ بوغۇمىنى ئايرىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى قورۇپ كۆمۈر قىلىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدىكى تېيىز كۆلچەك ۋە كۆللەردە ئۆسىدۇ، تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۇرۇقى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق؛ تۆرەلمە بىخى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق؛ گۈل تېگى: قۇرۇق سوغۇق؛ گۈلى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق؛ نېلۇپەر ئاتىلىقى: قۇرۇق سوغۇق؛ يوپۇرماق سېپى ۋە يوپۇرمىقى: قۇرۇق سوغۇق؛ نېلۇپەر يىلتىزسىمان غولىنىڭ بوغۇمى: قۇرۇق سوغۇق.
يۈرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ھارارەت پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، مەنىينى تىزگىنلەش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ نېلۇپەر يىلتىزسىمان غول بوغۇمى 12 ~ 20 گرام، قالغانلىرى 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام نېلۇپەر ئۇرۇقىنى 15 گرام تەسۋىقوناق، 10 دانە چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقىدىن بولغان سوزۇلما ئىچ سۈرۈش، سوزۇلما تولغاق، كۆپ ئېھتىلام بولۇش ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام نېلۇپەر تۆرەلمە بىخىنى سەككىز گرام كەرمان، 12 گرام ئاق چۇغلۇق، 10 گرام ئارچا ئۇرۇقى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىدىن بولغان باش ئاغرىقى ۋە نېرۋا ئاجىزلىقىدىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
نېلۇپەر گۈل تېگى كۆمۈرىنى ئانار گۈلى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشى، خۇن تەۋرەش، قان سىيىش ۋە چوڭ تەرەتتىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام نېلۇپەر گۈل تېگى كۆمۈرىنى سەككىز گرام رويان كۆمۈرى، 10 گرام يېكەن سېرىقىنىڭ كۆمۈرى 12 گرام، كىچىك خوخا كۆمۈرى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
نېلۇپەر ئاتىلىقى، نېلۇپەر ئۇرۇقى ۋە ياپىلاق غوللۇق كەتىرا ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقىدىن بولغان ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، سىيىپ يېتىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ھۆل نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى 35 گرام ھۆل قومۇش يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈش، ئېغىز قۇرۇش، دەم سىقىلىش ۋە باش قېيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى 12 گرام كۆك ئەمەن، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا، 20 گرام كۆك سېغىز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئېغىز قۇرۇش، دەم سىقىلىش، ئىسسىق ئۆتۈش ۋە باش قېيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل نېلۇپەر يىلتىزسىمان غول بوغۇمىدىن 35 گرام ئېلىپ، ئېزىپ شىرىسىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، قان قۇسۇش، قان تۈكۈرۈش، بۇرۇن قاناش ۋە چوڭ تەرەتتىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام نېلۇپەر ئۇرۇقىنى، 10 گرام قانتېپەر، ئالتە گرام تاش ئېگىرى، سەككىز گرام مامرانچىن بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۆت گرام نېلۇپەر گۈلىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل نېلۇپەر گۈلىنى چالا ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھۆل يارىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
نېلۇپەر جۇڭگودا ئاز دېگەندىمۇ3000 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. سۇڭ دەۋرىدىكى شائىر ياڭ ۋەنلى شېئىر ئوقۇپ ئۇنى مۇنداق ماختىغان:
مەنزىرىسى شىخۇ كۆلىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا،
ئوخشىمايدۇ تۆت پەسىلنىڭ ھېچقايسىسىغا.
بۈك - باراقسان يوپۇرماقلار خۇددى زۇمرەتتەك،
ئەقلىڭ لالدۇر شەپەق كەبى چاقنىشىغا.
نېلۇپەر ياتما نېلۇپەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك، ئۇنىڭ يەر ئاستى غولى كۆلدىكى پاتقاقتا توغرىسىغا ئۆسىدۇ، ئۇ نېلۇپەر قامچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. نېلۇپەر قامچىسىنىڭ ئۇچىدىكى بىرقانچە بوغۇمى ياز ۋە كۈز پەسلى ئارىلىقىدا كۆل تېگىدىكى لاي - توپىنىڭ چوڭقۇر يېرىگىچە ئۆسۈپ كىرىپ، تەدرىجىي كۆپۈپ يوغىناپ رۇت (toor) قا (نېلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ يوغىناپ ئۆسكەن قىسمىغا) ئايلىنىدۇ. نېلۇپەر قامچىسىنىڭ بوغۇملىرىدىن چاچما يىلتىزلار چىقىپ كۆل تېگىگە يىلتىز تارتىدۇ؛ بىخلىنىپ سۇ يۈزىگە تىك ئۆسىدىغان يوپۇرماق ۋە گۈل شاخلىرىنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۇرقى ناھايىتى كېلىشكەن. سۇڭ دەۋرىدىكى يېڭى كۇڭزىچىلىق نەزەرىيىچىسى جۇ دۇنيى ئۆزىنىڭ »نېلۇپەرگە مۇھەببەت« دېگەن ئەسىرىدە:
»پاكىز ئۇ لاي ئىچىدە لاي يۇقمىغان،
دولقۇندەك جىمىرلايدۇيۇ ئەمەس شەيتان«
دەپ يازغان. شۇڭا، دۆلىتمىز خەلقى نېلۇپەرنى قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزىنى سۆيۈپ پاك تۇتۇش ۋە ئالىيجاناب پەزىلەتنىڭ سىمۋولى قىلىپ كەلگەن.
نېلۇپەرنىڭ گۈل تاج ياپراقچىلىرى ئومۇملاشتۇرۇپ گۈل يېپىنچىسى دېيىلىدۇ. بەزى سورتلىرىنىڭ پەقەت بىرلا قەۋەت گۈل يېپىنچىسى بولۇپ، يالاڭ قات بەرگلىك سورت دېيىلىدۇ. بۇ خىللىرى نېلۇپەر چىنىسى ۋە مېۋىسىنى ھاسىل قىلالايدۇ. رۇت (يەر ئاستى غولىنىڭ يوغىناپ ئۆسكەن قىسمى)مۇ بىرقەدەر يوغان بولىدۇ؛ بەزى سورتلىرىنىڭ نەچچە قەۋەت گۈل يېپىنچىلىرى بولۇپ، قات بەرگلىك سورت دېيىلىدۇ. بۇلار مېۋىلىيەلمەيدۇ، رۇتمۇ ئىنچىكە ھەم كىچىك بولىدۇ، يېيىشكە بولمايدۇ.
رۇتنى سۇندۇرغاندا دائىم يىپچىلىرى ئۆزئارا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، شۇڭا »مۇناسىۋىتى ئۈزۈلسىمۇ رىشتىسى ئۈزۈلمەس« دېگەن تەمسىل بار. ئەمەلىيەتتە، بۇلار رۇتنىڭ يوغىنىغان جايىدىكى تاسمىسىمان بۇرما شەكىللىك ئۆتكۈزگۈچى نەيچىلىرى ۋە نەيچىسىمان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىككىلەمچى پوستىنىڭ تارتىلىپ چىققانلىقىدىن بولىدۇ.
نېلۇپەرنىڭ ئۇرۇقى يوغىناپ چىققان گۈل تېگىگە جايلىشىدۇ. بىرلەشتۈرۈپ »نېلۇپەر چىنىسى« دېيىلىدۇ. نېلۇپەر ئۇرۇقىنى قاتتىق شاكىلى قوغداپ تۇرىدۇ. ئۇ يەردە نەچچە يۈز يىل كۆمۈلۈپ تۇرسىمۇ بۇزۇلمايدۇ.1952 - يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنجىن ناھىيىسىدىن يېشى1000 يىلدىن ئاشقان بىر تۈركۈم قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقلىرى قېزىۋېلىنغان. ئۆستۈرۈپ كۆرگەندە %96 نېلۇپەر ئۇرۇقى بىخلانغان. بۇلار دۇنيادىكى ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇقلار ھېسابلىنىدۇ.
نېلۇپەرنىڭ تاشقى مورفولوگىيىسى قەدىمكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەزى ئىپتىدائىي ئالامەت (بەلگە)لىرىنى ساقلاپ قالغان، شۇڭا بوتانىكلار تەرىپىدىن »تىرىك تاش قالدۇق« دەپ ئاتالغان.
رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، قەمەرىيە (دېھقانلار كالېندارى) بويىچە ئىيۇننىڭ24 - كۈنى نېلۇپەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. شۇڭا، قەدىمكىلەر نېلۇپەرنى يەنە »ئىيۇندىكى گۈل ئىلاھى« دەپمۇ ئاتاشقان.
بىئولوگىيە
نېلۇپەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق سۇدا ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ، ئۇزۇن ھەم سېمىز كېلىدۇ، ئۇزۇن بوغۇمى بولىدۇ، بوغۇمىدا تەڭگىچە يوپۇرماق ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ كۆپ قىسمى سۇدىن چىقىپ تۇرىدۇ، يۇمىلاق، دىئامېتىرى 25 - 90 سانتىمېتىر، تولۇق گىرۋەكلىك، ئاچ يېشىل بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن بولۇپ تىكىنى بولىدۇ. گۈلى گۈل سېپىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، دىئامېتىرى 10 - 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ، كاسا يوپۇرمىقى 4 - 5 بولۇپ، بالدۇر تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؛ گۈلتاجى كۆپ بولۇپ، قىزىل، ئاچ قىزىل ياكى ئاق بولىدۇ، بەزىدە گۈلتاجىسى تەدرىقىي شەكىل ئۆزگەرتىپ ئاتىلىققا ئايلىنىدۇ؛ ئاتىلىقى كۆپ بولىدۇ؛ ئانىلىق ياپراقچىسى كۆپ بولۇپ، گۈل تېگى كاۋىكى ئىچىدە گىرەلىشىپ ئۆسىدۇ؛ گۈل تېگى مېۋە مەزگىلىدە يوغىناپ بۇلۇتسىمانلىشىدۇ، قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى ئېللىپسىمان ياكى تۇخۇم شەكىللىك، ئۇرۇقى تۇخۇمسىمان ياكى ئېللىپس شەكىللىك بولىدۇ. جۇڭگونىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلىدۇ، ھىندىستان، ھىندىچىنى، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بولىدۇ. يىلتىزسىمان غولى، غول بوغۇمى، يوپۇرمىقى، يوپۇرماق سېپى، ئاتىلىقى ۋە ئۇرۇقدىنى دورىغا قوشۇلىدۇ، ئىسسىقنى تارقىتىپ قان توختىتىدۇ؛ نېلۇپەر ئانىلىق ياپراقچىسى ئىچى قىزىپ كېتىشنى توختىتىپ، يۈرەكنى كۈچەيتىش، بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ؛ نېلۇپەر ئۇرۇقى تالنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، يۈرەك ۋە بۆرەكنى ياخشىلاش قاتارلىق كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
نىلۇپەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تېيىز سۇلاردا ئۆسىدۇ، يەر ئاستى غولى يوغان ھەم ئۇزۇن، بوغۇمى بار. يوپۇرمىقى دۈگىلەك، گۈلى چوڭ، سۇس قىزىل ياكى ئاق رەڭلىك، خۇشبۇي پۇرىقى بار، يەر ئاستى غولىنى ۋە ئۇرۇقىنى يېيىشكە بولىدۇ.