Uyghurئاساسىي لۇغەت
نيۇرنبېرگ قانۇنى
دۇنيا تارىخى
ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قانۇنى. 1935-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنى گىتلېر نيۇرنبېرگتىكى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىدا بۇ قانۇننى ئېلان قىلغان. بۇ قانۇن يەھۇدىيلار ⅩⅨ ئەسىردىن باشلاپ بەھرىمەن بولغان پۇقرالىق باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قايتىدىن تارتىۋېلىپ، يەھۇدىيلار <دۆلەت پۇقراسى> ھېسابلانمايدۇ، ئۇلار سايلام ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولمىغان <دۆلەت بېقىندى پۇقراسى> غا ئايلاندۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ئىجتىمائىي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئارىئانلاr بىلەن يەھۇدىيلارنى نىكاھلىنىشى (<نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەت> نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ قانۇن ئاساسىدا يەنە 13 ماددىلىق قوشۇمچە پەرمان ئېلان قىلىپ، يەھۇدىيلارنى ئومۇميۈزلۈك چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، يەھۇدىيلارنىڭ گېرمانىيىدىكى تىرىكچىلىك ھوقۇقىنى تەدرىجىي تارتىۋالغان.