Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
牛津学派
دۇنيا تارىخى
ئوكسىفورد ئىلمىي ئېقىمى
ئەنگلىيە بۇرژۇئا تارىخ ئىلمىي ئېقىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن. ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىرىنى ئاساس قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ۋېليام سىتپوبېسى. كېمبرىچ ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر بىلەن ئوخشاشلا ئەينى چاغدىكى ئاتاقلىق تارىخ ئىلمىي ئېقىمى بولۇپ، ئىككى ئېقىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا پرىنسىپال ئىختىلاپ يوق. ئوكىسفورد ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى، دېموكراتىك سىياسەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىپ، ئىقتسادىي ئامىللارنىڭ رولىغا سەل قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى: فرېمان، فۇردې، گرىم، بريسې قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.