Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
凝胶电泳
خىمىيە
níng jiāo diàn yǒng
ئۇيۇشقان كوللوئىد ئېلېكتروفورېزىDئۇنىۋېرسال
níng jiāo diàn yǒng
يېلىم ئېلېكتروفورېزى
بىئولوگىيە
يېلىم ئېلېكترو قورېزى
يېلىمنى تىرەك ماددا قىلىدىغان بىر خىل ئېلېكترو فورېز تېخنىكىسىدۇر. بىئو مولېكۇلىلارنىڭ يېلىمىدىكى ئېلېكترو فورېز تېزلىكى مولېكۇلىلارنىڭ زەرىتى ۋە چوڭ - كىچىكلىكىگە باغلىق بولىدۇ. يېلىم ئېلېكتر فورېزدا ئادەتتە بىر خىل بوياق ئالدىنقى ماددا قىلىندۇ. بىئو مولېكۇلىلارنىڭ سىلجىغان ئارىلىقى ۋە ئالدىنقى ئارىلىقىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى نىسپىي سىلجىشچانلىقى، مولېكۇلا ئېغىرلىقىنىڭ لوگارىفمىسى بىلەن تۈز سىزىقلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئۇسۇل مولېكۇلا ئېغىرلىقىنى ئېنىقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. يەنە چوڭ - كىچىك مولېكۇلىلارنىڭ ئېلېكتر مەيدانىدا ھەرىكەتلىنىش تېزلىكى ئوخشىمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەر خىل چوڭ مولېكۇلىلىق ماددىلارنى ئايرىشتا ئىشلىتىلىدۇ. يېلىمدىن ئادەتتە پولى - ئاكرىلامىد ۋە ئاگاروزا - ئاكرىلامىدتىن ئىبارەت ئىككى خىلى ئىشلىتىلىدۇ. ئالدىنقىسى ئاكرىلامىدلىق يەككە تەنچە ۋە مىتىل بىلەن تۇتاشقان قوش ئاكرىلامىد (كېسشتۈرۈپ باغلىغۇچى) لىق قوش تەنچىنى خام ئەشيا قىلىپ پولىمېرلىنىش ئارقىلىق تەركىبىدە ئامىد رادىكاللىق يان زەنجىرى بولغان ياغ قاتارىدىكى ئۇزۇن زەنجىرنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۆز ئارا قوشنا بولغان ئۇزۇن زەنجىرلەر ئارىلىقلىرىدىكى <مېتاللىق كۆۋرۈك> ئارقىلىق تۇتىشىپ، ستېرىئولۇق تورسىمان تۈزۈلۈشكە ئىگە تىرەك ماددىغا ئايلىنىدۇ. خام ئەشيا قىلىپ پولىمېرلىنىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان تورسىمان تۈزۈلۈشلۈك تىرەك ماددا. بۇ خىلدىكى تىرەك ماددىدىن پايدىلىنىپ ئېلېكترو فورېزلىغاندا، ئادەتتىكى ئېلېكترو فورېزدا بولىدىغان زەرەت ئېففېكتى بولۇشتىن سىرت يەنە بەلگىلىك قويۇلدۇرۇش ئېففېكتى ۋە مولېكۇلا غەلۋىرى ئېففېكتى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ پەرق ئېتىشچانلىقى ئادەتتىكى قەغەز ئېلېكترو فورېزىغا قارىغاندا يۇقىرىراق بولىدۇ. نۆۋەتتە يېلىم ئېلېكترو فورېزى، بولۇپمۇ پولى ئاكرىلامىد يېلىم ئېلېكترو فورېزى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا.