Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
尼曼根和约
دۇنيا تارىخى
نېيمېگېن سۈلھ شەرتنامىسى
فرانسىيە باشچىلىقىدىكى بىر تەرەپ بىلەن گوللاندىيە باشچىلىقىدىكى فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق (ئىسپانىيە، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى، براندېنبۇرگ ۋە دانىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بىر قاتار سۈلھ شەرتنامىلەربولۇپ، 1678 - 1679-يىللىرى نېيمېگېن (ھازىر گوللاندىيىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) دا ئىمزالانغان. (1) <فرانسىيە - گوللاندىيە شەرتنامىسى> (<1678-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى) شەتنامىگە ئاساسەن: فرانسىيە ئىشغال قىلىۋالغان گوللاندىيە زېمىنىدىن ۋاز كېچىپ، سىرتقا بولغان يۇقىرى تاموژنا بېجىنى بىكارق ىلغان، گوللاندىيە فرانسىيىنىڭ گۋىنىيە ۋە سېنېگالدىكى مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىكىنى ئېتىرپا قىلغان. (2) >فرانسىيە - ئىسپانىيىنىڭ گۋىنىيە ۋە سېنېگالدىكى مۇستەملىكچىلىك كېڭەيمىچىلىكىنى ئېتىرپا قىلغان. (2) <فرانسىيە - ئىسپانىيە شەرتنامىسى> (1678-يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنى). شەرتنامىگە ئاساسەن: ئىككى دۆلەت ئۆزلىرى ئىگىلىۋالغان زېمىندا بىر - بىرىگە يول قويغان. (3) فرانسىيە بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە (1679-يىل 2-ئاينىڭ 5-كۈنى). شەرتنامىگە ئاساسەن: <ۋېستفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئېتىراپ قىلغان، لوررىن كىنەزلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان ھەمدە فرانسىيە نانسى قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان. (4) شۋېتسىيە بىلەن گوللاندىيە سۈلھ شەرتنامىسى (1679-يىل 10-ئاينىڭ 12-كۈنى). شەرتنامىگە ئاساسەن: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ھالىتى ئاياغلاشتۇرۇلغان. بۇ بىر قاتار سۈلھ شەرتنامىلەر فرانسىيىنىڭ ياۋروپادىكى زومىگەرلىك ئورنىنى بىر مەھەل مۇستەھكەملىگەن.