Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
尼克洛特
دۇنيا تارىخى
نىكلوت
(؟ - 1160) ئوبودرىتلار تۆرىسى (تەخمىنەن 1131 - 1160). ئۇزاققىچە پولابىسكىي سلاۋىيانلىرىنىڭ گېرمانىيە ۋە دانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1147-يىلى ساكسۇنىيە كىنەزى ھېنرىخ (شىر) گېرمانىيە ۋە دانىيە رىتسارلىرىنى باشلاپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، تاجاۋۇزچىلارنى سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1160-يىلى ھېنرىخ (شىر) يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرەەندە، ھالاك بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئوبودرىتلار گېرمانىيە فېئوداللىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.