Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
尼古拉耶夫
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرنىكولايېۋ
سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھەر، نىكولايېۋ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر جەنۇبىي بۇگ دەريا ئاغزىغا جايلاشقان، قارا دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 74 كىلومېتىر كېلىدۇ. قارا دېڭىزدىن يولغا چىققان 40 مىڭ توننىلىق ئوكيان پاراخوتلىرى بىۋاسىتە شەھەر رايونىغا كېلەلەيدۇ. ئاھالىسى 441 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). بۇ جايدا 1788 - يىلى كېمىسازلىق زاۋۇتى قۇرۇلغان، ئىككىنچى يىلى شەھەرنىڭ ئاساسى سېلىنغان. 1862 - يىلى سودا پورتى بىلەن ئېچىلغان. بۇ شەھەر تۆمۈر يول ئارقىلىق كرىۋويروگ، دونباس ھەم قىرىم يېرىم ئارىلى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. سوۋت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم كېمىسازلىق سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ چوڭ نىكولايىناشىنكو پاراخوت زاۋۇتى بار. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە كران، ترانسپورت ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. شەھەردە يەنە كېمىسازلىق شۆيۈەنى، 1821 - يىلى قۇرۇلغان رەسەتخانا، يەرلىك تەزكىرە ھەم سەنئەت مۇزېيى بار.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىní gǔ lā yē fū
نىكولايېۋ
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.