Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
涅克拉索夫
ئىستېتىكا
niè kè lā suǒ fū
نېكراسوۋ
دۇنيا تارىخى
نېكراسوۋ
(1821 - 1878) روسىيىلىك شائىر، ئىنقىلابىي دېموكرات، ئاقسۆڭەكنىڭ ئوغلى. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، پېتېربۇرگدا سەرسانلىق - سەرگەردانلىقتا يۈرگەن، ئەمگەچى خەلقنىڭ دەرد - ئەھۋالىغا قاتتىق ھېسداشلىق قىلغان. 1847-يىلى بېلىنىسكىنىڭ قوللىشى بىلەن، <زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى> دېگەن ژۇرنالنىڭ تەھرىرى بولغان، ئۇنى ئىلغار ئەدەبىياتچىلار ۋە ئىنقىلابىي دېموكراتچىلارنىڭ تەشۋىقات مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. 1868-يىلى <ۋەتەن خاتىرىلىرى> ژۇرنىلىنى چىقارغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا دېھاقنلارنىڭ ئىنقىلابىي ئىدىيىسى تەشۋىق قىلىنغان، بەزىلىرىدە پومېشچىكلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە يانچىلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئاساس قىلىنغان. مەسىلەن، <قاتتىق سوغۇقتا قىزارغان بۇرۇن> <چوڭ يولدا>، <ئىت بىلەن ئوۋ ئوۋلاش>، <ۋەتەن>، <ئوللىننا، سولداتلار ئانىسى>؛ بەزىلىرىدە روسىيىدە كاپىتالىزم بىخلىنىۋاتقان دەۋردىكى ئىشچىلارنىڭ ئېغىر ئەمگىكى ۋە شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ تۇرمۇشى تەسۋرىرلەنگەن، مەسىلەن، <ۋولگا دەرياسىدا>، <تۆمۈر يول>، <بالىلارنىڭ يىغىسى> قاتارلىقلار؛ بەزىلىرىدە دېكابرستلار ۋە ئىنقىلابىي زىيالىيلارنىڭ ئوبرازى يارتىلغان، مەسىلەن، <بوۋا>، <روسىيە ئاياللىرى> قاتارلىقلار. <روسىيىدە كىملەر ياخشى ياشايدۇ> دېگەن داستانى ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئاممىباب، ئوقۇشلۇق، ئىنقىلابىي روھ بىلەن تولغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى تولىمۇ ياقتۇرغان.