Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
粘菌
باغۋەنچىلىك
zhān jūn
شىلىمشىق زەمبۇرۇغDئورمانچىلىق
zhān jūn
شىلىمشىق مىكروپلار، شىلىمشىق زەمبۇرۇغلارDتېببىي
zhān jūn
شىلمىشىق باكتېرىيە، شىلىمشىق زەمبۇرۇغلارDئۇنىۋېرسال
zhān jūn
يېپىشقاق باكتېرىيە
بىئولوگىيە
يېپىشقاق زەمبۇرۇغ
زەمبۇرۇغلار بىلەن ئىپتىدائىي ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ھەقىقىي يادرولۇق تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىق بولۇپ، ھايات تارىخى مۇرەككەپ بولىدۇ. ئوزۇقلىنىش دەۋرىدىكى شەكلى تۇراقلاشمىغان كۆپ يادرولۇق ستوپلازما ئۇيۇپ (ئۆزگىرىشچان تەنە دەپ ئاتىلىدۇ)، ئاميوباسىمان ھەرىكەت قىلىدۇ، يالغان پۇت چىقىرىپ باكتېرىيە ياكى باشقا دانىچىسىمان ئوزۇقلۇقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا ستوپلازما ئۇيۇمى خالتىلىق سپورا تەنچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن خالتىلىق سپورا تېنىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن سپورا ھاسىل بولىدۇ. سپورىسى تاق ھەسسىلىك بولۇپ، مۇۋاپىق شارائىتتا بىخلىنىپ يەككە يادرولۇق، قىلئاياغلىرى بولمىغان ئاميوباسىمان ھۈجەيرە (يېپىشقاق ئۆزگىرىشچان تەن) ياكى يەككە يادرولۇق قوش قىلئاياغلىق ئۈزگۈچى ھۈجەيرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل ھۈجەيرە بىر - بىرىگە ئۆزگىرىدۇ، يالغان پۇت چىقىرىپ ئۇزۇقلۇق تۇتۇپ يەپ ئۆسۈپ كۆپىيىدۇ، ئۇلار يېتىلىپ بەلگىلىك باسقۇچقا كەلگەندە جۈپلىشىپ يەككە يادرولۇق قوش پەسىللىك زىگوتا ھاسىل قىلىدۇ. زىگوتا يېتىلىپ كۆپ يادرولۇق ھۈجەيرە تۈزۈلۈشى بولمىغا ستوپلازما ئۇيۇمىنى ھاسىل قىلىدۇ. بىر ستوپلازما ئۇيۇمى بىر قانچە ستوپلازما ئۇيۇمىمۇ قوشۇلۇپ بىر ستوپلازما ئۇيۇمىغا ئايلىنايلايدۇ، بەزىلىرى پايدىسىز شارائىتتا ئۇخلاش تۈزۈلۈشى - زەمبۇرۇغ يادروسىغا ئايلىنىدۇ. يېپىشقاق زەمبۇرۇغ مۆتىدىل نەم شارائىتتا ياشايدۇ. پور ياغاچ، دەرەخ قوۋزىقى، قۇرۇق شاچ ۋە غازاڭلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئۇ ستوپلازمىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە كۆپىيىش فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە كۆپىيىش فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ياخشى ماتېرىيالى. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەر ھۈجەيرىلىرى توپلىشىۋالغان يېپىشقاق زەمبۇرۇغ توپىنى يېپىشقاق زەمبۇرۇغ دەپ قاراپ ئۇنى ھۈجەيرىلىك يېپىشقاق زەمبۇرۇغ دەپ ئاتايدۇ. گەرچە ھۈجەيرىلىرى توپلىشىۋالغان يېپىشقاق زەمبۇرۇغ بىلەن يېپىشقاق كۆپ يادرولۇق ھۈجەيرە تۈزۈلۈشى بولمىغان ستوپلازما ئۇيۇمى ۋە قىلئاياغلىق ئۈزگۈچى ھۈجەيرىنى ھاسىل قىلمايدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ پەرقى.