Uyghurئاساسىي لۇغەت
نىگۇن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئېگىلگەن، پۈكۈلگەن:
تۆۋەن، پەس؛ يىقىلغان:
تەتۈر:
1. سۇراھى سەربەلەند مەيپەرەستان مەستى لايەئقەل،
ئەلىف لامى قەد سىياقىنى مەجلىسىدە نىگۇن كەلتۈر.
زەلىلى.
2. قىلىپ قانى ئول چەشمەنى لالەگۇن،
كى چەشمە باشىدا ياتىپدۇر نىگۇن.
ئا. نىزارى.
3. تۈدە - تۈدە ئەيلەبان قويغىل بۈگۈن،
قۇتقارۇرغە نەچچە يۈز بەختى نىگۇن.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تۆۋەن، پەست؛ ئاغدۇرۇلغان، تەتۈر.شېئىردا مۇنداق كەلگەن: تۈدە - تۈدە ئەيلەبان قويغىل بۈگۈن، قۇتقارۇرغا نەچچە يۈز بەختى نىگۇن. (زەلىلى)