Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
بۇ3 - دۇنيادىكى بىر قىسىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت سىياسىتىنى تەڭشەش، ئورتاق ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقئارا نېفىت مونوپول كاپىتالىنىڭ كونتروللۇقى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات. ئۇ1960 - يىل9 - ئاينىڭ14 - كۈنى قۇرۇلغان. ھازىر ئەزا دۆلەتلىرى ئىراق، ئىران، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ۋېنېسۇئېلا، ئالجىرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق دۆلەت بولۇپ، باش شتابى ۋيېنادا.
بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقئارا بازاردىكى نېفىت باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا ئىمكانقەدەر كاپالەتلىك قىلىش؛ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مۇقىم كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش، نېفىتقا ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى نېفىت بىلەن ئۈنۈملۈك، تېجەشلىك تەمىنلەش ھەمدە ئۇلارنى نېفىت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش جەريانىدا ئادىل كىرىمگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەجلىسى بولۇپ، »مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى« دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چاقىرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس ئورگان ئىقتىسادىي كومىتېت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ خەلقئارا نېفىت باھاسىنى ماسلاشتۇرۇشقا ياردەملىشىدۇ.
نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خام نېفىت ئېكسپورت مىقدارى دۇنيا خام نېفىت ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ% 80 تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە كوللېكتىپ ھەرىكەت قوللىنىپ غەرب نېفىت مونوپول كاپىتالىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان نېفىت تالان - تاراج قىلىشىدەك ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ نېفىت ھوقۇقىنى قوغدىدى ھەمدە نېفىت كىرىمىدىن پايدىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللىدى ۋە ئۇلارغا ياردەم بەردى.
دۇنيا تارىخى
ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا نېفىت مونوپول كاپىتالىنىڭ كونترول قىلىش ىۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرغان خەلقئارالىق تەشكىلات. 1960-يىلى 9-ئايدا، ئىراق ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران، كۇۋەيت ۋە ۋېنسۇئېلادىن ئىبارەت تۆت دۆلەت ۋەكىلىنى تەكلىپ قىلىپ، باغدادتا نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەر يىغىنى ئاچقاندا، غەرب نېفىت شىركىتىنىڭ نېفىت باھاسىنى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلىتىشىگە تاقابىل تۇرۇش يۈزىسىدىن قۇرۇش قارار قىلىنغان. كېيىن، قاتار، ئالجىرىيە، ئېكۋادور، گابون، ھىندونېزىيە، لېۋىيە، نېگىرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، تۇنىس ئارقا - ئارقىدىن قاتناشقان. جەمئىي 14 دۆلەت. بۇ دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئېچىش، نېفىت ئايرىش ۋە نېفىت تىجارىتى ئۇزۇن مۇددەتكىچە چەت ئەل مونوپول كاپىتالى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. مەزكۇر تەشكىلات ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نېفىتچىلىك مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نېفىتچىلىك مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقئارا نېفىت مونوپول كاپىتالى بىلەن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلغان. 70- يىللاردىن باشلاپ، نېفىت دارامىتىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىش تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقنى قوغداش ئۈچۈن، غەرب نېفىت شىركىتىنى كۆپ قېتىم نېفىت باھاسىنى ۋە نېفىت باج نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە ماقۇل بولۇشقا مەجبۇرلىغان. 1973-يىلى 10-ئايدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر نېفىت يۆتكەشنى چەكلەش، مەھسۇلاتنى كېڭەيتىش، باھانى ئۆستۈرۈش، دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە غەرب نېفىت شىركىتىدىكى ھەسسىدارلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىسرائىلىيە ھەمدە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارشى تۇرغان. نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئاپپارات بولۇپ، ئىجرائىيە كېڭىشى بولسا ئەمەلىي ئىجرائىيە ئاپپارات بولغان. يەنى باش ۋەكىللەر مەسلىھەت يىغىنى، ئىقتىسادىي كومىتېت ۋە كاتىبات باشقارمىسى ۋېنادا