Uyghurئاساسىي لۇغەت
نەززام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇئتەزىلىيەنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى. ئەبۇ ھۇزەيل ئەللافنىڭ شاگىرتى. بەسرەدە تەربىيىلەنگەن، باغداتتا ئۇزۇن تۇرغان. ئەينى چاغدا كىشىلەر تەرىپىدىن <تەلۋە> ياكى <بىدئەت> دەپ قارالغان. ئۇ ئاللا يامانلىق قىمايدۇ، ئىنسانغا ئەڭ پايدىلىق ئىشلارنى قىلىدۇ؛ ئاللا ياراتقان ئالەمدىكى مەۋجۇداتلاردىن باشقا يېڭىدىن ھېچقانداق شەيئىينى ياراتمايدۇ؛ ئاللا دۇنيانى بىر قېتىمدا ياراتتى. مەۋجۇداتلارنى رېتى بىلەن بىر يولدىلا تەييار قىلدى. لېكىن، مەۋجۇداتلارنىڭ بەزى قىسىملىرى يەنە بىرى قىسىملىرىنىڭ ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ قالدى. نەچچە مىڭ يىللاردىن كېيىن يوشۇرۇن ھالەتتىن تەدرىجىي ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ، دەپ تەشەببۇس قىلدى. دۇنيانىڭ قۇرۇلمىسى مەسىلىسىدە شەكىللىك ماددىلار ئاتومىنىڭ بىرىكىشىدىن ئەمەس، بەلكى بىر نەچچە خىل خۇسۇسىيەتنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەركىب تاپىدۇ، دەپ قارىدى. ئىنساننىڭ روھى بىر خىل سىرلىق سۇبىستانسىيە بولۇپ، بەدەن روھىنىڭ قورچىقىدىن ئىبارەت. بىلىم، ئىرادە قاتارلىقلار روھنىڭ ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى. ئىنسان ئىدراكقا تايىنىپ ئاللانى، ئۆزىنى تونۇيدۇ، دەپ تەشەببۇس قىلدى. فىقھە جەھەتتە، خاتالاشمايدىغان ئىمامغا تايىنىش كېرەك، دەپ قارىدى. ئىجمائ ۋە قىياسنى شەرىئەت چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىشنى ئىنكار قىلدى.