Uyghurئاساسىي لۇغەت
نەشپۈتسىمان مېۋە
بىئولوگىيە
گۆشلۈك مېۋىنىڭ بىرخىل تىپى. تۆۋەندە ئۆسكەن ئۇرۇقدان بىلەن گۈل نەيچىسىنىڭ قوشۇلۇپ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدىغان يالغان مېۋىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۇرۇقلۇق قىلىنىدىغان قىسمى ئاساسەن گۈل نەيچىسىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئۇ مەركىزىي ئۇرقداننىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان قىسىم بولۇپ، سىرتقى مېۋە پوستى بىلەن گۈل نەيچىسىنىڭ چېگرىسى ئېنىق بولمايدۇ. ئىچكى مېۋە پوستى ياغاچلاشقان قېلىن بۇلۇڭلۇق توقۇلمىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىچىدە ئۇرۇق بولىدۇ. مەسىلەن، نەشپۈت، ئالما، چارتال ۋە دولانا مېۋىسى.