Uyghurئاساسىي لۇغەت
نەپىقە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەرلىرىگە، ئەمگەك كۈچىدىن قالغانلارغا، يالغۇز قالغان خوتۇن - بالىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل.
ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان نەپىقە ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىنقىلابتا مەجرۇھ بولغان جەڭچىلەرگە نەپىقە تارقاتتى. پېنسىيە ئېلىپ كۈن ئېلىۋاتىمەن. رەسمىي مائاشىم يوق، ئېيىغا 50 يۈەن تۇرمۇش پۇلى ئالىمەن.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەت بەلگىلىمىسىدە ئەرنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن خوتۇنىغا بېرىدىغان سوۋغىسى بولۇپ، خوتۇنىغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ ئاساسى <قۇرئان كەرىم> دىن چىقىدۇ. <تالاق قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە نەپىقە بېرىش لازىم. (ئۇ) تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر> (2 - سۈرىنىڭ 241 - ئايىتى). ئەھلى فىقھەلەرنىڭ بۇ ئىشنىڭ خاراكتېرى ھەققىدىكى گەپلىرى ھەرخىل. زور كۆپ ساندىكى ئەھلى فەقىھەلەر بۇنى ئەخلاق مەجبۇرىيىتى، دەپ قارايدۇ. مالىكىيە شەرىئەت مەجبۇرىيىتى، دەپ ھېسابلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېشى چوڭايغان، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، مۇقىم كىرىمى يوق كىشىلەرگە ياكى ئىگە - چاقىسىز يېتىم - يېسىرلەرگە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئايمۇئاي بېرىپ تۇرىدىغان تۇرمۇش خىراجىتى.
سارىخان ئانا ھۆكۈمەتتىن بېرىدىغان نەپىقە پۇلى بىلەن كۈن ئالاتتى.
نىكاھتىن ئاجراشقاندا ئەرنىڭ ئايالغا ياكى بالىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ئاتا - ئانىغا قانۇنىي يۇسۇندا بېرىدىغان تۇرمۇش خىراجىتى.