Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نەپەسلىنىش ھەرىكىتى
بىئولوگىيە
呼吸运动
hūxīyùndòng
كۆكرەك قەپىزىنىڭ رىتىملىق كېڭىيىش ۋە كىچىكلىشىنى كۆرسىتىدۇ. كۆكرەك قەپىزىنىڭ كېڭىيىشى ۋە كىچىكلىشىنى كۆكرەك، قورساق مۇسكۇللىرىنىڭ كېڭىيىش - قىسقىراش پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قوۋۇرغا ئارىلىق سىرتقى مۇسكۇلى ۋە قوۋۇرغا ئارىلىق ئىچكى مۇسكۇللىرى بولىدۇ، قوۋۇرغا ئارىلىق سىرتقى مۇسكۇلى (<نەپەس سۈمۈرۈش مۇسكۇلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قىسقارغاندا قوۋۇرغىلار ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ كۆكرەك بوشلۇقى كېڭىيىدۇ، ئۆپكىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كېڭىيىش بىلەن ئۆپكە ئىچكى بېسىمى ئاتمۇسفېرا بېسىمىدىن كىچىكلەپ ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىغا ھاۋا كىرىپ نەپەس مۈمۈرۈش ھەرىكىتى كېلىپ چىقىدۇ؛ كېڭەيگەن چاغدا ئاۋۋالقى ھالىتى ئەسلىگە كېلىپ نەپەس چىقىرىش ھەرىكىتى كېلىپ چىقىدۇ. قوۋۇرغا ئارىلىق ئىچكى مۇسكۇلى (<نەپەس چىقىرىش مۇسكۇلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ قىسقىرىشى بولسا، ئەكسىچە بولۇپ قوۋۇرغىلار پەسكە ساڭگىلاپ كۆكرەك بوشلۇقى كىچىكلەيدۇ، ئۆپكە ئىچكى بېسىمى ئاتموسفېرا بېسىمىدىن چوڭلاپ ئۆپكىدىكى گازلار بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىپ چوڭقۇر تىنىق (نەپەس) چىقىرىش ھەرىكىتى كېلىپ چىقىدۇ. قوۋۇرغا ئارىلىق مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشىدىن كېلىپ چىققان قوۋۇرغىلارنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق نەپەسلىنىش <كۆكرەكچە نەپەسلىنىش> دېيىلىدۇ. دىئافراگما مۇسكۇلىمۇ بىر نەپەسلىنىش مۇسكۇلى بولۇپ، قىسقارغاندا دىئافراگما تۆۋەنگە سىلجىپ كۆكرەك بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ، ئۆپكىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كېڭىيىپ نەپەس سۈمۈرۈش ھەرىكىتى كېلىپ چىقىدۇ؛ دىئافراگما مۇسكۇلى كېڭەيگەندە دىئافراگما ئورنىغا قايتىپ نەپەس چىقىرىدۇ. دىئافراگما پەسىيىپ قورساق ئىچى بېسىمى ئۆرلەپ قورساق دىۋارى سىرتقا كۆپىدۇ. دىئافراگما مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشى كۈچەيسە قورساق دىۋارىنىڭ سىرتقى كۆپۈشى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. شۇڭا <قورساقچە نەپەسلىنىش> دېيىلىدۇ. تىنچ نەپەسلەنگەندە كۆكرەكچە قورساقچە نەپەسلىنىشنىڭ ھەر ئىككىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىق نەپەس سۈمۈرۈش مۇسكۇلىنىڭ كېڭىيىش ۋە قىسقىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. نەپەس چىقىرىش مۇسكۇلى چوڭقۇر نەپەسلەنگەندىلا پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ. چامباشچىلىقنى مەشق قىلغاندا چوڭقۇر ھەم ئاستا نەپەسلىنىش ھەرىكىتى ئىشلەشنىڭ قان ئايلىنىشىنى كۈچەيتىپ، گاز ئۆتۈشۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇش، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق روللىرى بولۇپ، تەن سالامەتلىككە پايدىلىق؛