Uyghurئاساسىي لۇغەت
نەنچىن قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىدىكى خەلقلەرنىڭ ياپونىيە ۋە فرانسىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. 1940-يىلى 9-ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جەنۇبتىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش توغرۇلۇق كۆپ قېتىم مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بېيشەن تېغىدىكى قوزغىلاڭنىڭ يېڭىلا مەغلۇپ بولغانلىقىدىن ساۋاق ئېلىپ، بېيشەندىكى قوراللىق كۈچنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەسلى 1940-يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى نەنچىن (ھازىرقى ۋيېتنامنىڭ جەنۇبى) دا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغان. بۇ ئۇقتۇرۇش كېچىكىپ قالغانلىقى، يەنە كېلىپ، شۇ چاغدىكى خەلقلەرنىڭ جاھانگىرلىككە بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكى تۈپەيلىدىن 23 كۈنى ئەسلى پىلان بويىچە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، بەزى جايلاردا ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرۇلغان، كېيىن ياپونىيە، فرانسىيە ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرغان.