Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
内抑制
پسىخولوگىيە
ئىچكى تورمۇزلىنىش
بۇ مەنپىي غىدىقلىغۇچنىڭ تەسىرى بىلەن بىۋاسىتە تومۇزلىنىش. بۇنى پاۋلوۋ «بىۋاسىتە تورمۇزلىنىش» دەپ ئاتىغان. شەرتسىز رېفلېكس بىلەن شەرتلىك رېفلېكسنىڭ ھەممىسىدىلا، ئىچكى تورمۇزلىنىش بولىدۇ. شەرتلىك تورمۇزلىنىشنىڭ ئىچكى تورمۇزلىنىشى ئۆچۈرۈش خاراكتېرلىك تورمۇزلىنىش، كېچىكىش خاراكتېرلىك تورمۇزلىنىش، دىففېرىنسىيىلەش خاراكتېرلىك تورمۇزلىنىشلارغا بۆلۈنىدۇ. ئىچكى تورمۇزلىنىش بىر خىل بىۋاسىتە تورمۇزلىنىش، يەنى مەلۇم مەركەزگە بىۋاسىتە يېتىپ بارغان تەسىردىن بولغان تورمۇزلىنىش بولۇپ، قوشنا مەركەزلەرنىڭ پائالىيىتى تەسىرىدىن پەيدا بولغان ۋاسىتىلىك تومۇزلىنىش يەنى تاشقى تورمۇزلىنىشقا ئوخشىمايدۇ. شەرتلىك رېفلېكسنىڭ تۈرلۈك ئىچكى تورمۇزلىنىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئىندىۋىدىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىدىكى بەلگىلىك شەرتلەر ئاستىدا شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، شەرتلىك تورمۇزلىنىش دەپ ئاتىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى تورمۇزلىنىش ۋە تاشقى تورمۇزلىنىش قاتارلىق شەرتسىز تورمۇزلىنىشلاردىن پەرقلەندۈرۈلگەن.
دائىرە: تېببىيnèi yì zhì
ئىچكى تورمۇزلىنىش، ئىچكى تىزگىنلىنىش
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.