Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
内皮层
بىئولوگىيە
ئىچكى قوۋزاق قەۋەت
قوۋزاق قەۋەتنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى بىر قەۋەت ھۈجەيرە يىلتىزىنىڭ ئىچكى قوۋزاق قەۋىتى مورفولوگىيە ۋە فۇنكسىيە جەھەتتە ئالاھىدىلەشكەن بولىدۇ. بىرخىل ئەھۋالدا، ئۇنىڭ توغرا پوستى بىلەن ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى ئۈچ پوستىنىڭ قىسمەن ئورۇنلىرى قېلىنلىشىپ ۋە پۇرۇكلىشىپ قېلىن پوستلۇق بەلباغنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ بەلباغ كاسپارىيان تاسمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇخىل ئەھۋال يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزىدا كۆرۈلىدۇ. يەنە بىرخىل ئەھۋالدا، ئۇنىڭ كۆپ ساندىكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەرقايسى يۆنىلىشتىكى پوستلىرى (سىرتقى كەسمە يۈز پوستىدىن باشقىلىرى) كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قېلىنلىشىدۇ؛ ۋە پۇرۇپكىلىشىدۇ؛ دەسلەپكى ياغاچلىق قىسىم سىزىقىنىڭ قىرىغا جايلاشقان ئاز ساندىكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ پوستى قېلىنلاشمايدۇ، ئۇلار قېلىن پوستلۇق ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۆتكۈنچى ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يەككە پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. يىلتىز سۇ سۈمۈرگەندە، سۇ ئىچكى قوۋزاق قەۋەتنىڭ پروتوپلازمىسىدىن ئۆتۈپ ئاندىن ئوتتۇرا ئوققا كىرىدۇ (چۈنكى ھۈجەيرە پوستى پۇرۇپكىلاشسا سۇ ئۆتكۈزمەيدۇ). بۇنىڭ بىلەن ماددىلارنىڭ توشۇلۇشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. غولنىڭ ئىچكى قوۋزاق قەۋىتى ئادەتتىكى قوۋزاق ھۈجەيرىلىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچكى قوۋزاق قەۋىتىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ تەركىبىدە كراخمال دانىچىلىرى كۆپرەك بولۇپ كراخماللىق غىلاپ دەپ ئاتىلىدۇ.
باغۋەنچىلىك
nèi pí céng
ئىچكى قوۋزاق قەۋىتىDئۆسۈملۈك
nèi pí céng
ئىچكى پوستلاقDئۇنىۋېرسال
nèi pí céng
ئېندودېرما قەۋىتى