Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
内激素
بىئولوگىيە
ئىچكى گورمونلار
ھاشاراتلارنىڭ تېنى ئىچىدە ئاجرىتىلغان، قان سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ئورنىغا توشۇپ بېرىلىپ تۆرەلمىدىن كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا رول ئوينايدىغان ھالەت ئۆزگەرتىش گورمونلىرى. ھاشاراتلارنىڭ ئىچكى گورمونلىرى ئۈچ خىل يەنى مېڭە گورمونلىرى، تېرە تاشلاش گورمونلىرى ۋە لىچىنكا قوغداش گورمونلىرى، لىچىنكا قوغداش گورمونلىرى يۇتقۇنچاق ئىككى يېنىدىكى يۇتقۇنچاق يان تەنچىدىن ئاجرالغان گورمونلار بولۇپ، ئاساسلىقى رولى يېتىلگەن قۇرت ئورگان بىخلىرىنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى تورمۇزلاپ لىچىنكىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاشتىن ئىبارەت. لىچىنكىنىڭ ھەرقايسى ئۆزگىرىشىدىكى قان تەركىبىدە لىچىنكا قوغداش گورمونىنىڭ كونسېنتراتسىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، قورچاقتىن چىقىپ تېرە تاشلاش ۋاقتىدا ئازىيىدۇ، قورچىقى تېرە تاشلاپ يېتىلگەن قۇرتقا ئايلانغاندا لىچىنكا قوغداش گورمونى قايتا ئاجرالمايدۇ. تېرە تاشلاش گورمونى ئالدىنقى كۆكرەك بېزىدىن ئاجرالغان گورمون بولۇپ، يېتىلگەن قۇرت ئورگان بىخلىرىنى دىففېرېنسىيىلەپ ھالەت ئۆزگەرتىش ۋە تېرە تاشلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەرقايسى ئۆزگىرىشتىكى لىچىنكا دەۋرىدىن قورچاق دەۋرىگىچە تېرە تاشلاش گورمونى داۋاملىق ئاجرىلىپ چىقىدۇ. يېتىلگەن قۇرتقا ئايلانغاندىن كېيىن ئالدىنقى كۆكرەك بېزى رۇدىمېنتلىشىپ كېتىدۇ. مېڭە گورمونلىرى ھاشاراتلارنىڭ ئالاھىدە نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئاجراتقان گورمونلار بولۇپ، تېرە تاشلاش گورمونىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. لىچىنكا تېرە تاشلاشتىن ئىلگىرى قاندىكى مېڭە گورمونى مىقدارى بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكەندىلا ئاندىن ئالدىنقى كۆكرەك بېزىنىڭ تېرە تاشلاش گورمونى ئاجرىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ لىچىنكىلار تېرە تاشلايدۇ. لېكىن لىچىنكا قوغداش گورمونى بىللە بولغان شارائىتتا لىچىنكا تېرە تاشلىغاندىن كېيىن يەنىلا لىچىنكا پېتى قالىدۇ؛ تېرە تاشلاش گورمونى يالغۇز مەۋجۇت شارائىتتىلا ئاندىن ھالەت ئۆزگەرتىش خاراكتېرىدىكى تېرە تاشلاش يۈز بېرىپ لىچىنكا تېرە تاشلىغاندىن كېيىن قورچاق دەۋرىگە كىرىدۇ ياكى يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئاخىرقى ئۆزگىرىشتىكى لىچىنكىنىڭ مېڭىسىنى بالدۇر ئېلىۋەتكەندە لىچىنكا قورچاق دەۋرىگە كىرەلمەي تا ئۆلگەنگە قەدەر لىچىنكا ھالىتىنى ساقلايدۇ. شۇڭا ھاشاراتلارنىڭ تېرە تاشلاش ۋە ھالەت ئۆزگەرتىش جەريانى ھاشاراتلارنىڭ ئىچكى گورمونلىرىنىڭ ماسلىشىپ رول كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.