Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
内阁特使团
دۇنيا تارىخى
كابېنت پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر ئۆمىكى
1946 - يىلى ئەنگلىيە كابېنتى ھىندىستانغا ئەۋەتكەن پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر ئۆمىكى، كابېنت ئەزالىرىدىن ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى بوردپاسېك، لاۋرېنسې، سودا ۋەزىرى ستافولد كېرىفۇس ۋە دېڭىز ئارمىيسى ۋەزىرى ئالېكساندردىن تەركىب تاپقان. ۋەزىپىسى ھىندىستاندىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ داھىيلىرى بىلەن مۇستەقىللىك مەسىلىسىنى مەسلىھەتلىشىشتىن ئىبارەت. 3 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ھىندىستانغا يېتىپ بارغان. دەسلپىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرى، تۆرىلەر ۋە ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ داھىيلىرى بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن سىملادا كونگرېسلار پارتىيىسى ۋە مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى بىلەن ئۈچ قىرلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مەغلۇپ بولغان. 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كابېنت پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر ئۆمىكى لايىھىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: (1) ئەنگلىيىگە قارام بولغان ھىندىستان ئۆلكىلىرى ۋە يەرلىك بەگلىكلەردىن ھىندىستان فېدراتسىيىسى تەشكىل قىلىپ، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قاتناشنى مەسئۇل بولۇش، فېدېراتسىيىدە مەمۇرىي ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش؛ (2) ئەنگلىيەگە قارام بولغان ئۆلكىلەرنى دىننى ئاساس قىلىپ ئۈچ چوڭ رايون ياكى ئۈچ چوڭ ئۆلكە گۇرۇھىغا يەنى ھىندى دىنى مۇرىتلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن رايون (مادراس، بومباي، بىرلەشمە ئۆلكە، مەركىزىي ئۆلكە، بىخار ۋە ئورسانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، غەربىي شىمالدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن رايون (پەنجاپ ئۆلكىسى، غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسى، سىند ۋە بېلوجىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە شەرقىي شىمالدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن رايون (بېنگال ۋە ئاسسامنىڭ سىلخېت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا بۆلۈش؛ (3) فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنى تۈزۈش يىغىنىنى ئېچىپ، فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىش؛ (4) ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ پىلان ھىندىستاندىكى ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەنگلىيىگە قايتىپ كەتكەن.